ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقان زادى كىم؟

0:00 / 0:00

ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ ئىككى پالاتاسى يېقىندا بىر قانۇن لاھىيىسىنى ماقۇللاپ، ياپونىيە مۇداپىئە نازارىتىنى مۇداپىئە مىنىستىرلىكىگە ئۆزگەرتىشنى قارار قىلغان. خىتاي كۈزەتكۈچىلەر، ياپونىيە دائىرىلىرىنىڭ بۇ قارارىنى ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلدى، دەپ مۇھاكىمە قىلماقتا. لېكىن رادىئومىز ئوبزورچىسى سىدىق ھاجى روزى بۇ ھەقتىكى ئوبزورىدا ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقان زادى كىم؟ ياپونىيىمۇ ياكى شىمالىي كورىيە بىلەن جوڭگومۇ،؟ دەيدۇ.