ئۇيغۇر ئېلىگە قۇرۇق قول كەلگەن بىر خىتاي ئايال ئون يىلدا 100 مو يەرگە ئىگە بولغان

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە ئۇيغۇر ئېلىدە مىللەتلەرگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما رېئال مەسىلىلەر ئەمەلىي ئەھۋالنىڭ ئەكسىچە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

يېقىندا بىڭتۇەن گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدا، ئون يىل ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىگە قۇرۇق قول كەلگەن گۇ يىڭ ئىسىملىك بىر خىتاي ئايالنىڭ ھازىر مىليونېرغا ئايلانغانلىقى تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئاتۇشقا ئوخشاش ئۇيغۇر يېزىلىرىدا دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يېرى يېرىم موغىمۇ يەتمەيدىكەن.

ئوبزورچىمىز پەرھات مۇھەممىدى يۇقىرىدىكى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پەرقلىق مۇئامىلىسى توغرىسىدا مۇلاھىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.