كىم ھەقىقى تېررورىست؟

0:00 / 0:00

ئىتالىيە ساقچى دائىرىلىرى، 12‏- فېۋرال كۈنى خىتايدىن لىۋىيە ئارقىلىق ئىراققا قورال يۆتكىگەن بىر ئەتكەسچىلىك گۇرۇھىنىڭ بىتچىت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. خەۋەر قىلىشىچە، ئىتالىيە ساقچىلىرى 12‏- فېۋرال كۈنى ئىتالىيىنىڭ ئۇمبارىيە رايونىدا بۇ ئەتكەسچىلىك دېلوسىغا مۇناسىۋەتلىك 16 كىشىنى قولغا ئالغان.

خەۋەردە، ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈش جەريانىدا قوراللارنى قولغا چۈشۈرەلمىگەنلىكى، ئەمما خىتايدىن 500 مىڭ ئاپتومات ۋە ئون مىليون پاي ئوق ئېلىپ لىۋىيە ئارقىلىق ئىراققا يۆتكەش توغرىسىدا ئىمزالانغان نۇرغۇن كېلىشىملەر ۋە ھۆججەتلەر قولغا چۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىئومىزنىڭ ئوبزورچىسى سىدىق ھاجى روزى ئوبزور ئېلان قىلىپ، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تېروئورىست تەشكىلاتلارنى قورال – ياراق بىلەن تەمىنلەۋەتقان ھەقىقى تېررورىست ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.