خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەننىڭ سۆزلىرىگە رەددىيە

0:00 / 0:00

رادىئومىز ئوبزورچىسى سىدىق ھاجى روزى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەننىڭ دۈشەنبە كۈنى چەتئەللىك مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىنى تەنقىد قىلدى. سىدىق ھاجى روزى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى رەھبىرى رابىيە قادىرنى "ۋەتىنىگە خىيانەت قىلدى،" دەپ ئەيىپلىگەن ۋاڭلېچۈەنگە "ۋەتەن دېگەن نىمە،" دەپ سۇئال قويدى. "ۋەتەن دېگەن" دەيدۇ، سىدىق ھاجى روزى، "ئانا تىلدۇر، شۇ ئانا تىلدا سۆزلىشىدىغان يارۇ - بۇرادەرلەر، قېرىنداشلار، چەكسىز مۇنبەت تۇپراقلار،" دەيدۇ.

سىدىقھاجى روزى ۋاڭ لېچۈەننىڭ كىشىلەر "قورسىقى تويمىسا، ناخشا ئېيتىپ ئۇسۇل ئوينىيالامتى،" دېگەن سۆزلىرىنى ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان "ھاقارەت،" دەپ ئەيىبلىدى.