ۋاڭ لېچۈەن ئۇيغۇر ئېلىدە نېمە قىلماقچى؟

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەننىڭ، ئۈرۈمچىدىكى ئەقىدە سودا سارىيىنىڭ تىجارىتىنى توختاتماقچى بولغانلىقى ھەققىدە توختالغان ئوبزورچىمىز سىدىق ھاجى روزى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ۋە مەۋجۇتلىقىنى يوق قىلىش ئۈچۈن بىر قاتار قاتتىق سىياسەتلەرنى يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنى مۇلاھىزە قىلىپ، ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.