خىتايدا قانۇن - سىياسەت كۈچىنى يوقاتتى

0:00 / 0:00

خىتاي يازغۇچىسى ليۇ شيەنيىڭ يېقىندا " خۇئاشيا" تور بېتىگە ماقالە يېزىپ، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە گېپى ئۆتمەس بولۇپ قالغانلىقىنى، قانۇن ۋە سىياسەت يەرلىك ھۆكۈمەتلەردە ھىچنەرسىگە ئەرزىمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئوبزورچى سىدىق ھاجى روزى، ليۇ شيەنيىڭنىڭ مەزكۇر ماقالىسىغا يازغان ئوبزورىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈئەن ۋە قەشقەر پارتكوم سېكرىتارى شى داگاڭلارنىڭ ئۇيغۇر قىزلارنى ئىچكىرىدىكى خىتاي قارا قوللار گۇرۇھىغا قۇللار ئورنىدا ساتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "بۇ يەرلىك ئورگانلار ۋە بەزى تارماقلاردا سىياسەتنىڭ كۈچىنى يوقاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى،" دەپ كۆرسەتتى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، سىدىق ھاجى روزى ئەپەندىمنىڭ مەزكۇر ئوبزورىنى ئاڭلايسىلەر.