خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىنى خىتاي تىلىدا تەربىيىلىشىنىڭ ماھىيىتى نېمە؟

0:00 / 0:00

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرلەرگە ئاپىرىپ ئوقۇتۇش شۇنداقلا ئۇيغۇر ئايال ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەش پىلانى، ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە ئىقتىسادىنى ياخشىلاش سىياسىتىنىڭ بىر قىسىمى، دەپ چۈشەندۈرمەكتە.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ يىل 300 مىڭ ئۇيغۇر قىزنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يولغا سالىدىكەن. لېكىن خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىگە تەنقىد قىلغۇچىلار، بۇ سىياسەت ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى يوقىتىش، ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش پىلانىنىڭ بىر قىسىمى، دەپ ئەيىپلەۋاتىدۇ. ئوبزورچى سىدىقھاجى روزى، بۇ ھەقتىكى ئوبزورىدا بۇ سىياسەتنىڭ ئاشكارە زوراۋانلىققا ئايلانغانلىقىنى تەنقىد قىلدى. ئۇ، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى "ماڭقۇرتلاشتۇرۇلماقچى"، دەيدۇ.