ئۇيغۇر ئىرادىسىنىڭ ۋەكىلى زەيدىن يۈسۈپ

0:00 / 0:00

بارىن خەلقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى ئېلىپ بارغان قوراللىق كۈرىشى پارتلىغانلىقىنىڭ 17 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسىيونلىرى ھەر خىل مۇلاھىزىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئوبزورچى سىدىق ھاجى روزىمۇ بارىن ئىنقىلابى ۋە ئۇنىڭ رەھبىرى زەيدىن يۈسۈپ توغرىسىدا مەخسۇس توختالدى.

سىدىق ھاجى روزى بارىن ئىنقىلابىنىڭ ئەسىرلەردىن بۇيۇن داۋام قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇر مۇستەقىللىق كۆرىشىنىڭ داۋامى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ ئىنقىلابنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئىنقىلابى تارىخىدا تۇتقان ئورنىنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرغا قويدى.