جوڭنەنخەيدىكى زىددىيەتنىڭ مەھسۇلى

0:00 / 0:00

ئامېرىكىدا خىتايچە نەشر قىلىنىدىغان "دۇنيا" گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل 5 - ئايدا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ چىڭداۋدا خىتاي دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي مەشىقنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقاندا خۇ جىنتاۋ ئولتۇرغان پاراخوتقا زەمبىرەك ئوقى تېگىپ كېتىشكە تاس قالغان. شۇ ۋەقەدىن كېيىن خىتاي دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ بىر مۇئاۋىن قوماندا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئوبزورچى سىدىقھاجى روزى، بۇ ۋەقەنى "جوڭنەنخەيدىكى زىددىيەتنىڭ مەھسۇلى" غا باغلاپ مۇھاكىمە قىلدى.