«ئەركىنلىك يولى ۋە ئوسمان باتۇر» ناملىق كىتاب نەشىردىن چىقتى
-
2006-04-14 -
-
-
پروفېسسور دوكتۇر گۇلكىن كاندارلىئوگلۇنىڭ ئوسمان باتۇرنىڭ ھاياتىنى تەسۋىرلەپ يازغان ئەركىنلىك يولى ۋە ئوسمان باتۇر ناملىق كىتابى نەشىردىن چىقتى. بۇ كىتاپ شەرقىي تۇركىستان ۋاھپى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان بولۇپ، كىتاپنىڭ نەشىر قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن چارشەنبە كۇنى ئىستانبۇلدا بىر سۆھبەت يىغىنى ئوتكۇزۇلدى. بۇ يىغىنغا قازاقىستاننىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلۇسخانىسىنىڭ كونسۇلۇسى، شەرقىي تۇركىستان كۆچمەنلەر جەمىيىتى باشلىقى ئابدۇۋەلىجان ، شەرقىي تۇركىستان ۋاھپىنىڭ باش سېكرىتارى ھامۇت كۆكتۇرك، ئىسا يۇسۇف ئالپتېكىن ۋاھپىنڭ باشلىقى ئارسلان ئالپتېكىن قاتارلىقلار تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. يىغىنغا يەنە ئىستانبۇلدا ئولتۇرۇشلۇق قازاق، ئۇيغۇر ۋە تۈركلەر بولۇپ نۇرغۇن كىشى قاتناشتى. ئارسلان ئالپتېكىن يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى قىلىش ئۈچۈن سەھنىگە دەۋەت قىلىندى. ئۇ سۆزىدە، ئۇيغۇر ۋە قازاقلاردىن تەركىپ تاپقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ مۇشەققەتلىك يوللارنى بېسىپ ھىندىستان ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلگەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ تەقدىرداش ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئىتتىپاقلىشىپ بۇ داۋانى بىرلىكتە ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى دىدى.
كىتاپنىڭ يازغۇچىشى پروفېسسور دوكتۇر گۇلچىن چاندارلىئوغلۇ كىتابىنىڭ نەشىردىن چىققانلىقى يۈزىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ سۆھبەت يىغىنى ئۇچۇن ئالدى بىلەن يىغىن ئەھلىگە رەھمەت ئېيىتتى. ئۇ كېيىن تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دىدى: «سۆيۈملۈك ئۇلۇغ تۇركىستانلىقلار، ھەممىڭلارنى ھۆرمەت بىلەن سالاملايمەن. مەن بۇ كىتاپنى قانداق يېزىپ چىققانلىقىمنى سىلەرگە قىسقىچە سۆزلەپ ئۆتەي. مەرھۇم پولات قادىرى مىنىڭ ئوقۇتقۇچۇم ھەم ئىسا يۈسۈف ئالپتېكىننىڭ سېكرىتارى ئىدى. مەن ئۇلار بىلەن 30 يىل خوشنا بولۇپ ياشىدىم. ئىسا يۈسۈف ئالپتېكىنلەر مىنى چوڭ قىزىدەك كۆردى. ئۇلاردىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەندىم. ئۇ مەزگىلدە مەن شەرقىي تۇركىستاندىكى قەھرىمانلار ھەققىدە ماقالىلەر يازدىم، ئۇلار ئۇسىتدە تەتقىقاتلار ئېلپ باردىم. بۇ جەرياندا مەن ئوسمان باتۇرنىڭ ھاياتىغا قىزىقىشقا باشلىدىم. ئوسمان باتۇرنىڭ ھاياتىنى تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە ئوسمان باتۇرنىڭ سەپدىشى نۇر گوجاي باتۇر بىلەن تونۇشتۇم. 1970-يىللاردا مەرھۇم نۇر گوجاي باتۇر بىلەن داۋاملىق ئۇچرىشىپ، ئوسمان باتۇر ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى ئەتراپلىق ھالدا ماڭا ئاڭلاتتى. نۇر گوجاي باتۇر، ئوسمان باتۇر ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرىنى قازاقچە، تۇركچە ئارىلاش بىر تىل بىلەن ماڭا ئاڭلىتاتتى. بۇلارنى ئۇزۇن يىل توپلاش ئارقىلىق ئاخىرى بىر كىتاپ قىلىپ يېزىپ چىقتىم.» كېيىن، شەرقىي تۇركىستان ۋاھپىنىڭ باش سېكرىتارى ھامۇت كۆكتۈرك سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە مۇنداق دىدى:
«بىز بۈگۈن خەيىرلىك بىر ئىش ئۈچۈن بۇ يەرگە توپلاندۇق. مەن ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ھاياتىنى ئاتىغان ئوسمان باتۇر، ئىسا يۇسۇف ئالپتېكىن، مەمەت ئىمىن بۇغرا، مەھمۇت مۇھىتى قاتارلىق پۈتۈن شېھىتلىرىمىزنى رەھمەت ۋە مىھنەت بىلەن ئەسلەيمىز. رەسمى بولمىغان سىتاتېسكىلارغا قارىغاندا، تۈركىيەدە ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز بولۇپ 15 مىڭ ئەتراپىدا شەرقىي تۈركىستانلىق بار. خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۇركسىتان خەلقىگە ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز دىمەستىن زۇلۇم قىلىۋاتىدۇ. ئوسمان باتۇرمۇ ئەينى ۋاقىتتا خىتايلارغا قارشى كۈرەش قىلغان قەھرىمانىمىز. ئۇ ۋاقىتتا ئىسا يۇسۇف ئالپتېكىن، ئوسمان باتۇر، مەمەت ئىمىن بۇغرالار مۇرىنى مۇرىگە تىرەپ خىتايغا قارشى كۈرەش قىلغان. بۈگۈنكى كۈنىمىزدىمۇ بىز ئۇلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ مىللەت ئايىرىماستىن خىتاينىڭ زۇلۇمىغا قارشى كۈرەش قىلىشىمىز، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېزىلىۋاتقان خەلقىمىزنىڭ ئاۋازىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە يەتكۈزىشىمىز كېرەك. مەن ئوسمان باتۇر ھەققىدە بۇنداق بىر ئەسەرنىڭ يېزىلغانلىقىنى شەرقىي تۈركسىتان ۋەھپى باشلىقى بولۇش سۈپىتىم بىلەن قىزغىن تەبرىكلەيمەن. ئاخىرىدا پۈتۈن قەھرىمانلىرىمىزنىڭ ياتقان يېرىنىڭ جەننەتتە بولۇشىنى تىلەيمەن.»
يىغىندا يەنە ئىستانبۇل ئۇنىۋەرسىتىتى ئەدەبىيات فاكۇلتىتى ئوقۇتقۇچىسى پروففېسسور دوكتۇر ئابدۇلقادىر دونۇك ئوسمان باتۇر ۋە شەرقىي تۈركىستان تېمىسىدا، مىمار سىنان ئۇنىۋەرسىتىتى ئوقۇتقۇچىسى پروففېسسور دوكتۇر ئەھمەت تاشاگىل ئەپەندى ئوسمان باتۇرنىڭ ھاياتى تېمىسىدا، مىمار سىنان ئۇنىۋەرسىتىتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر ئابدۇۋاھاپ قارا ئەپەندى ئوسمان باتۇر ۋە تارىخى ئارقا كۆرۈنۈش تېمىسىدا سۆز قىلدى. يىغىن ئاخىرىدا ئەركىنلىك يولى ۋە ئوسمان باتۇر كىتابىنىڭ يازغۇچىسى پروففېسسور دوكتۇر گۇلچىن چاندارلىئوگلىغا تەشەككۈرنامە بېرىلدى.
ئوسمان باتۇر 1890-يىلىدا ئالتاي تاغلىرىدا دۇنياغا كەلگەن. دادىسى ئىسلام بەگ، ئانىسى ئايچە خانىم ئىدى. ئىسلام باي قازاقلارنىڭ ئورتا جۇز قەبىلىسىنىڭ كېرەي قولىدىن بولۇپ، ئوسمان باتۇر دادىسى تەرىپىدىن قازاق ئۆرپ ئادەتلىرى بويىچە يېتىشتۇرۇلگەن. ياشلىق چاغلىرىدا كۈرەشكە باشلىغان. ئوسمان باتۇر 1930-يىلىدىن ئىتىبارەن ئاكتىپ ئىنقىلاپقا باشلىغان. ئۇنىڭ ئىنقىلاپقا باشلىشىغا ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇلكە ۋالىسى شىڭسىشەينىڭ خەلققە قىلىۋاتقان زۇلۇمىنىڭ تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولغان. ئوسمان باتۇر ئۇ يىللاردا ئالتاي تاغلىرىدا ياشايدىغان خەلقلەرنىڭ ئۈمىدى بولۇپ قالغان. 1943-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەرىكىدە ئوسمان باتۇرغا خەلقى تەرىپىدىن باتۇر ئۈنۋانى بېرىلگەن. ئوسمان باتۇر ئۇزۇن يىل خىتايلار بىلەن ئېلىشقان، قەھرىمانلارچە كۈرەش قىلغان. ئەمما ئۇ بەخىتكە قارشى 1951-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى خىتاي ئازاتلىق ئارمىيىسىگە ئەسىر چۈشۈپ قالغان. 1951-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۆلتۈرۈلگەن.