مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (54) : «قۇتلۇق تۈركان» ئوپېراسى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز قۇتلان تەييارلىدى
2025.01.21
muhemmed-emen-bughra-Suret-1-bash-suret مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ «قۇتلۇق تۈركان» ئوپېراسىغا بېغىشلانغان باشلىق رەسىم
RFA/Kutlan

1948-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۈرۈمچىدىكى مەركىزىي ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ كۇلۇبىدا تارىخىي ئوپېرا- «قۇتلۇق تۈركان» نىڭ دەسلەپكى بىرقانچە پەردىسى قويۇلىدۇ. مەزكۇر ئوپېرانى كۆرگەن ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى، جۈملىدىن ئۇيغۇر تارىخى ۋە تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۆتمۈشتىكى پارلاق مىللىي مەدەنىيىتىگە قىزىققۇچى ياش ھەۋەسكارلار چوڭقۇر ھاياجانغا چۆمىدۇ. چۈنكى شۇ كۈنگە قەدەر ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ئۇيغۇر تارىخى، جۈملىدىن ئورخۇن ئۇيغۇر دۆلىتى تېما قىلىنغان ھېچ بىر سەھنە ئەسىرى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى تەرىپىدىن يېزىلىپ باقمىغان، شۇنداقلا ئۈرۈمچى، قەشقەر ياكى غۇلجا سەھنىلىرىدە ئوينالمىغان ئىدى!

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا تەرىپىدىن 1948-يىلى ئۈرۈمچىدە يېزىلغان، قىزى فاتىمە بۇغرا تەرىپىدىن 1984-يىلى ئەنقەرەدە نەشىر قىلىنغان «قۇتلۇق تۈركان» ئوپېراسىنىڭ كىتابچىسى
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا تەرىپىدىن 1948-يىلى ئۈرۈمچىدە يېزىلغان، قىزى فاتىمە بۇغرا تەرىپىدىن 1984-يىلى ئەنقەرەدە نەشىر قىلىنغان «قۇتلۇق تۈركان» ئوپېراسىنىڭ كىتابچىسى
RFA/Kutlan

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 1948-يىل 5-ئۆكتەبىردىكى 226-سانىدا «‹قۇتلۇق تۈركان› پارچەلەرى تاماشاچىلار ھۇزۇرىدا» ناملىق مەخسۇس ئوبزور ئېلان قىلىنىدۇ. مەزكۇر ئوبزوردا «قۇتلۇق تۈركان» ئوپېراسىنىڭ يېزىلىشى ۋە سەھنىگە ئېلىپ چىقىلىشى توغرىلىق مۇنداق بايانلار يەر ئالىدۇ: «خېلى ئۇزۇندىن بېرى، بىرەر تارىخىي جانلىق ئەسەرنى كۆرۈشتىن مەھرۇم قالغان ئۈرۈمچى خەلقى يېقىندا ئۆلكىلىك ياشلار سەنئەت ئۆمىكى تەرىپىدىن قويۇلماق بولغان ‹قۇتلۇق تۈركان› ناملىق تارىخىي ئوپېرانى ئاڭلاپ، ئۇنى سەھنىدە كۆرگۈچە كۆزى تۆرت بولغان ئىدى. خۇسۇسەن ئۇستا رەسسام مۇھەممەد ئەمىن مۇستافا تەرىفىدىن مەزكۇر سەھنە ئەسىرىگە ئاتاپ سىزىلغان رەسىملەر ھەر كىمنى قىزىقتۇرار ئىدى. ئويۇن 29-سېنتەبىردىن باشلاپ سەھنىدە قويۇلۇشقا باشلىدى. بۇ قېتىم سەھنىدە كۆرسىتىلگەنلەر بۇ بۈيۈك تارىخىي داستاننىڭ فەقەت قىسمەن كۆرۈنۈشلىرىدۇر. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، بۇ قىسمەن كۆرۈنۈشلەر ھەم مەزكۇر ئەسەرنىڭ تەسىرلىك ۋە بۈيۈك قىممىتىدىن دالالەت بەرمەكتە».

دەرۋەقە، 7 پەردە 14 كۆرۈنۈشتىن تەشكىل تاپقان زور ھەجىملىك «قۇتلۇق تۈركان» ئوپېراسى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا تەرىپىدىن 1948-يىلىنىڭ ياز ئايلىرىدىن باشلاپ يېزىلىپ، شۇ يىلىنىڭ ئاخىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغان ئىدى. مەزكۇر ئەسەر يېزىلىۋاتقان مەزگىللەردىلا، يەنى ئۇنىڭ ئالدىنقى بىرقانچە پەردىلىرىدىن تەشكىل تاپقان پارچىلىرى ئۈرۈمچىدىكى ياشلار سەنئەت ئۆمىكى تەرىپىدىن سەھنىدە قويۇلغان، شۇنداقلا ياش تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدە بۈيۈك بىر ھاياجان قوزغىغان ئىدى. «قۇتلۇق تۈركان» ئوپېراسىنىڭ تولۇق سېنارىيەسى يېزىلىپ پۈتكەندە، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئۆزى تەرىپىدىن ئۈرۈمچىدىكى «ئالتاي» نەشرىياتى قارمىقىدا ئايدا ئىككى نۆۋەت ئۆتكۈزۈلىدىغان «دەرنەك» ناملىق ئىلمىي مۇنبەردە تولۇق تېكىستى جامائەتكە ئوقۇپ ئۆتۈلگەن ئىدى.

ئۇيغۇرچە «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 1948-يىل 10-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى 226-سانىغا بېسىلغان «قۇتلۇق تۈركان» ئوپېراسى ھەققىدىكى مەخسۇس ئوبزور
ئۇيغۇرچە «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 1948-يىل 10-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى 226-سانىغا بېسىلغان «قۇتلۇق تۈركان» ئوپېراسى ھەققىدىكى مەخسۇس ئوبزور
RFA/Kutlan

1930-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابىدىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىن تارتىپ ھەرقايسى ۋىلايەتلەرنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك «ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى» ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇيۇشما تەركىبىدە «سانايى-نەفىسە» نامى بىلەن سەنئەت ئۆمەكلىرى قۇرۇلغان ئىدى. سەھنە ئەسەرلىرى شۇ مەزگىللەردە كەڭ ئاۋام ئەڭ ياقتۇرىدىغان سەنئەت تۈرى سۈپىتىدە ئۇيغۇر يازغۇچى-شائىرلىرىنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانغان ئىدى. شۇ دەۋرلەردە ئۇيغۇر دىراماتورگلار «غېرىپ-سەنەم»، «پەرھات-شېرىن»، «لەيلى-مەجنۇن» قاتارلىق تۈركىي كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ مەشھۇر ھېكايىلىرىدىن تارتىپ، «تاھىر-زۆھرە»، «رابىيە-سەئىدىن»، «غۇنچەم» قاتارلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا خاس بىر يۈرۈش مۇھەببەت ھېكايىلىرىنى سەھنە ئەسىرى قىلىپ يېزىپ چىققان، ئۇيغۇر «سانايى-نەفىسە» نىڭ ئارتىسلىرى تەرىپىدىن سەھنىلەردە ئوينالغان ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قېرىنداش تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەدەبىياتىدىن ئېلىنغان بىر قىسىم سەھنە ئەسەرلىرىمۇ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلۇپ، سەھنىلەردە قويۇلغان ئىدى. ھالبۇكى، ئۇيغۇر تارىخىنىڭ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى دەۋرلىرىگە، بولۇپمۇ ئورخۇن ئۇيغۇر دۆلىتى مەزگىلىدىكى شانلىق تارىخ ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان سەھنە ئەسەرلىرى يېزىلمىغان ئىدى. نىھايەت، بۇ بوشلۇقنى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا تولدۇردى.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا 1948-يىلى يازدىن باشلاپ يېزىشقا باشلىغان «قۇتلۇق تۈركان» ئوپېراسىنىڭ كىرىش سۆزىنى مۇنۇ جۈملىلەر بىلەن باشلايدۇ: «خەلقىمىزنىڭ بەك قەدىم زامانلاردىن بۇيان مەدەنىي تۇرمۇشنىڭ ھەر دەۋرىدىكى شەكلىنى ئىجاد قىلىپ ۋە ياكى ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرگەنلىكى، ھەر زاماننىڭ مەدەنىي تۇرمۇشىنىڭ ئەڭ يۈكسەك دەرىجىسىدە ياشاپ ئۆتكەنلىكى، يېڭىلمەس تارىخىي دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلانغان بىر ھەقىقەتتۇر. بۇ دەلىللەرنىڭ ئەك كۈچلۈكىنى ئۆز ئورنىدا ياكى ياۋروپا مۇزېيخانىلىرىدا ساقلىنىۋاتقان ئەسارە-ئەتىقىلىرىمىز ئاشكارا كۆرسەتمەكتە» .

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا «قۇتلۇق تۈركان» ئوپېراسىغا يازغان كىرىش سۆزىدە، كېيىنكى مەزگىللەردە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى ئىجتىمائىي ھاياتىغا بېغىشلانغان بىر قىسىم سەھنە ئەسەرلىرىنىڭ يېزىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: «شەرقىي تۈركىستانىمىزدا ئۆتمۈشتىكى مەدەنىي تۇرمۇشنى تەسۋىرلەيدىغان ئەسەرلەر ئاز ئەمەس. بولۇپمۇ بۇ كۈنلەردە ياش يازغۇچىلىرىمىز بۇ خىل ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا ئەھمىيەت بەرمەكتە. مەسىلەن، ‹تاھىر-زۆھرە›، ‹رابىيە-سەئىدىن›، ‹قانلىق داغ›، ‹چىن مودەن›، ‹نىياز قىز› غا ئوخشاش ئەسەرلەر شۇنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ».

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئۆز دەۋرىدە «قۇتلۇق تۈركان» ئوپېراسىنى سەھنىگە ئېلىپ چىقىشتا دېكوراتسىيە ئۈچۈن تەييارلىغان كۇچادىكى قىزىل مىڭئۆي تام رەسىملىرى ئاساسىدا قايتا سىزدۇرغان رەسىملەردىن بىر پارچە
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئۆز دەۋرىدە «قۇتلۇق تۈركان» ئوپېراسىنى سەھنىگە ئېلىپ چىقىشتا دېكوراتسىيە ئۈچۈن تەييارلىغان كۇچادىكى قىزىل مىڭئۆي تام رەسىملىرى ئاساسىدا قايتا سىزدۇرغان رەسىملەردىن بىر پارچە
RFA/Kutlan

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا يەنە «قۇتلۇق تۈركان» ئوپېراسىنى يېزىشتىكى مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى «مىللىي شەرەپ» ۋە «تارىخىي يۈكسەكلىك» بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا «بىزنى تارىختا ئورنى يوق دېگۈچىلەرگە شانلىق تارىخىمىزنى كۆرسىتىپ قويۇش» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: «ھالبۇكى، ئەسىرلەردىن بېرى زۇلۇم ۋە بەختسىزلىك پاتقاقلىرىنى كېچىپ ياشىغان ۋە پاجىئەلەرنىڭ تۈرلۈك مەنزىرەلىرىنى كېچە-كۈندۈز كۆرۈپ زېرىككەن خەلقىمىزنىڭ روھىي تىلەكلەرى باشقادۇر. بۇ تىلەك ئۆتمۈشتىكى مىللىي شەرەپ ۋە تارىخىي يۈكسەكلىك دەۋرلىرىنىڭ ئېسىل ۋە خوش مەنزىرەلىرىنى سەھنىدە گەۋدىلەندۈرگەن ھالدا، تاماشا قىلماق بىلەن زەۋق ئېلىش ۋە بىزنى تارىختا ئورنى يوق دېگۈچىلەرگە كۆرسىتىپ ئىقرار قىلدۇرۇش ئارزۇسىدىن ئىبارەت».

تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت بىلەن ئامېرىكادىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇر بۇ ھەقتە مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «قۇتلۇق تۈركان» ئوپېراسىنىڭ يېزىلىشىدىكى ئارقا كۆرۈنۈشلەر، ئەسەرنىڭ باش تېمىسى ۋە بەدىئىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەمدە مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە بېرىدىغان تارىخىي-مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرى توغرىلىق مەلۇمات بەردى.

 (داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.