مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (53): «ئەي، ۋەتەن قۇربانلارى!»
2025.01.07
ئاھ سىزگە، ئەي ۋەتەن قۇربانلارى،
ئەي ئۇلۇسنىڭ قەھرىمان ئوغلانلارى.
سىزگە بىز قان يىغلاساق ھەم ئاز تۇرۇر،
كىم ئىدىڭىز-يۈرتىمىزنىڭ جانانلارى.
بىز ئۇنتۇلدۇقمۇ دەپ قايغۇرماڭىز،
يۇرت ئۈچۈن مىللەت ئۈچۈن ئاھ ئۇرماڭىز.
جانىڭىزنى خوش تۇتۇڭ جەننەت ئارا،
بىزگە قالدى بۇ ئالەملىك ئورنىڭىز.
قانىڭىزنى يەردە قويماس بۇ ئۇلۇس،
يۇرت مىللەتنى ئۇنۇتماس بۇ ئۇلۇس.
ھەر يىگىت سىزنىڭ ئىزىڭىزدىن يۈرۈر،
قۇرتۇلۇر قۇللۇقدە قالماس بۇ ئۇلۇس.
ئۇلۇس سىزنى ئۇنۇتماس ھېچ قاچان،
يولىڭىز ئۈزرە يۈرۈرلەر ھەر قاچان.
ئۇلۇس ئويغاندى، ئەمدى ئۇخلاماس،
جان بېرۇر سىزدەك، يا ئالغۇسى جان!
«ئاھ، ۋەتەن قۇربانلارى» ناملىق يۇقىرىقى شېئىر مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ 1947-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۈرۈمچىدىكى مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغا قايتىدىن دەپنە قىلىنغان 1930-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ يېتەكچىسى مەرھۇم خوجانىياز ھاجىنىڭ قەبرىسى ئۈستىدە ئوقۇغان مەرسىيە شېئىرىدۇر.
شۇ كۈنى ئەخمەتجان قاسىمى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا قاتارلىق مىللىي ئىنقىلاب رەھبەرلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلار رايونىغا توپلانغان مىڭلىغان جامائەت ئىككى تاۋۇتنى ئېگىز كۆتۈرگىنىچە قوشكۆۋرۈك (نەنلياڭ)تىكى مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغا قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ. بېلىگە ئاق باغلاپ، دۇئا-تەكبىرلەر ئېيتىپ، سۈكۈت ئىچىدە كېتىۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشى ئۈرۈمچىنى لەرزىگە كەلتۈرىدۇ. شۇ كۈنى ئۈرۈمچىدىكى خىتاي ئاھالىلىرى ئىشىك-دەرىزىلىرىنى ھىم ئېتىپ، كوچىغا چىقىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. 1937-يىلى جاللات شېڭ شىسەي تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن تۈرمىدە ۋەھشىي ئۇسۇلدا قىيناپ ئۆلتۈرۈلگەن ۋە مەخپىي تۈردە كۆمۈۋېتىلگەن مەرھۇم خوجانىياز ھاجى بىلەن شەرىپخان تۆرىنىڭ جەسەتلىرى شۇ كۈنى مىڭلىغان جامائەتنىڭ ئىشتىراكىدا يەرلىككە قايتىدىن قويۇلىدۇ.
مىللىي ئىنقىلاب رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمى مەرھۇم خوجانىياز ھاجىنىڭ يېڭىدىن دەپنە قىلىنغان قەبرىسى ئۈستىدە ئىنتايىن تەسىرلىك نۇتۇق سۆزلەيدۇ. ئەينى ۋاقىتتا شاڭخەيدە چىقىدىغان «كۆزىتىش» (观察) گېزىتى ئۈرۈمچىدىكى بۇ ھەيۋەتلىك دەپنە مۇراسىمى توغرىلىق مەخسۇس خەۋەر بېرىپ: «خوجانىياز ھاجى 1933-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇمھۇر رەئىسى. بۇ جۇمھۇرىيەت ما جۇڭيىڭ قىسىملىرى تەرىپىدىن يوقىتىلغاندىن كېيىن، شېڭ شىسەي خوجانىياز ھاجىغا ئۆلكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىنى تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق، ئۇنى ئۈندەككە كەلتۈرگەن ۋە ئاخىرىدا ئۆلتۈرۈۋەتكەن. 4-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى دەپنە مۇراسىمىدا ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبى ئادەم دېڭىزىغا تولدى. مۇراسىمغا مەسئۇل رەھبەرلەردىن بىرى، خىتاي ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئۆتمۈشتە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن زۇلمەتلىك ھۆكۈمرانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي قەھرىمانلىرىنى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈپ يوقاتقانلىقى توغرىلىق تەسىرلىك نۇتۇق سۆزلىدى. ئاندىن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ يەنە بىر رەھبىرى، يەنى خوجانىياز ھاجىنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى سەپداشلىرىدىن بىرى نۇتۇق سۆزلەپ، گەرچە بۇ ۋەقەگە 14 يىلدەك بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆتكەن تارىخنىڭ ھەرۋاقىت ئۇلارغا ئىلھام ۋە ئاچچىق ساۋاق بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى».
مانا بۇ مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ «ئەي، ۋەتەن قۇربانلارى» ناملىق شېئىرىنىڭ يېزىلىش ۋە جامائەتكە تەقدىم قىلىنىشتىكى ئارقا كۆرۈنۈشى ئىدى. شاڭخەيدە چىقىدىغان «كۆزىتىش» گېزىتىگە بېسىلغان بۇ خەۋەردە، گەرچە قەبرە بېشىدا تەسىرلىك نۇتۇق سۆزلىگەن «ئىككى مىللىي رەھبەر» نىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما باشقا مەنبەلەر بۇ ئىككى كىشىنىڭ مەرھۇم ئىنقىلابچى ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئىكەنلىكىنى تەستىقلايدۇ.
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، بۇغرانىڭ 1940-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ئۈرۈمچىدە يازغان بىر يۈرۈش شېئىرلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ھاياتىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ، بۇغرا شېئىرىيىتىنىڭ ئىككى مۇھىم ئانا تېمىسىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىلەن مىللەتپەرۋەرلىك ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
ئامېرىكادىكى مۇستەقىل ياش تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇر ئەپەندىمۇ، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ 1945-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە بولغان ئۈرۈمچىدىكى قىسقىغىنە 5 يىللىق ھاياتىدا ۋەتەن ۋە مىللەت تېمىسىدا بىر يۈرۈش يالقۇنلۇق شېئىرلارنى، ھېكايە ۋە سەھنە ئەسەرلىرىنى، شۇنداقلا ياش ئوقۇرمەنلەرنى ئويغىنىشقا چاقىرىدىغان تەسىرلىك ماقالىلەرنى يازغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
تاران ئۇيغۇر ئەپەندى يەنە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ 1947-يىلى 6-ئاپرېل كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن خوجانىياز ھاجىنىڭ مېيىتىنى قايتا دەپنە قىلىش مۇراسىمىدا ئوقۇغان «ئەي، ۋەتەن قۇربانلارى» ناملىق مەرسىيەسىنىڭ بۇغرا شېئىرىيىتىدە تۇتقان ئالاھىدە ئورنى ۋە تارىخىي قىممىتىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.
(داۋامى بار)