مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (56): «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» نىڭ قوليازمىسى ۋەتەنگە قانداق ئېلىپ كىرىلگەن؟
2025.03.04
«شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق بۇ ئابىدە ئەسەر مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدا سىياسىي مۇساپىر بولۇپ تۇرغان يىللاردا، يەنى 1936-يىلىدىن 1940-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا يېزىلغان ئىدى. كىتابنىڭ 800 بەتتىن ئاشىدىغان قوليازمىسى 1940-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى كېچىدە يېزىلىپ تاماملانغاندىن كېيىن، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئۇنى باستۇرۇش ئۈچۈن، كەشمىردىكى «شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى مۇھەممەد قاسىمجان ھاجى (مەتقاسىم ھاجى)غا ئەۋەتىپ بەرگەن.
مۇھەممەد قاسىم ھاجى 1933-يىلى 12-نويابىردا قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى (نازىرى) بولغان كىشى ئىدى. ئۇ، 1934-يىلى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بىلەن خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى يىقىلغاندىن كېيىن، ئىنقىلاب سەپدىشى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بىلەن بىرلىكتە ھىندىستانغا ھىجرەت قىلغان، شۇنداقلا كەشمىردە قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالغان ئىدى.
«شەرقىي تۈركىستان تارىخى» نىڭ قوليازمىسى مەخپىي ھالدا كەشمىرگە يېتىپ كېلىشى بىلەنلا مۇھەممەد قاسىم ھاجى كىتابنى تاش باسما ئارقىلىق نەشىر قىلىشقا تۇتۇش قىلغان. ھالبۇكى، شۇ دەۋرنىڭ شارائىتىغا كۆرە، بۇ كىتابنى نەشىر قىلىش ئىشى نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن. بۇنىڭ بىرى، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق بولۇپ، سىرىناگاردىكى «سافايى كادال سارىيى» غا جايلاشقان «شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك جەمئىيىتى» نىڭ ئەزالىرى ئاز، ئىقتىسادىي ئاساسىي يوق دېيەرلىك ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ زامانلاردا ئۇلارنىڭ ۋەتەن بىلەن بولغان بېغى تامامەن ئۈزۈلگەن ئىدى. بۇ كىتابنى بىرقانچە يۈز نۇسخا بېسىپ نەشىر قىلىش ئۈچۈن، كەشمىردىكى شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلاردىن يىغىلىدىغان ئۆشرە-زاكات پۇللىرىنى ئاستا-ئاستا جۇغلاشقا توغرا كېلەتتى. يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى داۋام قىلىۋاتقان يىللار بولغاچقا، ھىندىستاننى بېسىپ ياتقان بۈيۈك بىرىتانىيەنىڭ دېھلىدىكى مۇستەملىكە ھۆكۈمىتى كەشمىردىكى شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىگە پەۋقۇلئاددە سەزگۈر بولۇپ كەتكەن ئىدى. شۇڭىمۇ مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا 1948-يىلى مەزكۇر كىتاب ھەققىدە يازغان يازمىسىدا، «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» نىڭ كەشمىردىكى بىرىنچى نەشرىنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنچە ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتكەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى «يېتەرلىك ئىقتىسادنىڭ بولماسلىقى ۋە دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ۋەزىيەتنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەنلىكى سەۋەبىدىن بولغان ئىدى» دەيدۇ.
1944-يىلىنىڭ باشلىرىدا مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بىلەن بىرلىكتە راۋالپىندىكى ئىنگىلىز تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن ئابدۇكېرىم ھاجى (مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ تۇغقىنى ۋە مۇجادىلە سەپدىشى) كەشمىرنىڭ دەممۇ دېگەن جايىغا ۋاقىتلىق يەرلىشىپ، بۇ كىتابنىڭ نەشىر ئىشىنى قولغا ئالغان. 1947-يىلىغا كەلگەندە ئاخىرى «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» نىڭ تۇنجى نەشرى كەشمىردە يورۇق كۆرگەن. ھالبۇكى، تاش باسمىدا بېسىلغان تۇنجى نەشرى ئاران 300 نۇسخا بولۇپ، كىتابنىڭ ئالدى قىسمىدىكى ئىسمائىل ھېكمەت ئەپەندى بىلەن ھەسەن مىيان خان تەرىپىدىن يېزىلغان 40 بەتكە يېقىن تەۋسىيە كىرىش سۆزلىرى بېسىلمىغان. ئۇنىڭدىن باشقا كەشمىر نەشرىدە يەنە بۇغرا تەرىپىدىن سىزىلغان 24 پارچە رەڭلىك خەرىتە بىلەن كىتابنىڭ 1930-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابىغا بېغىشلانغان ئاخىرقى ئۇزۇن بۆلىكى چىقىرىۋېتىلگەن.
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا چۇڭچىڭدا تۇرغان، شۇنداقلا 1945-يىلى ئۈرۈمچىگە قايتقان زامانلاردا كەشمىردىكى ئابدۇكېرىم ھاجىغا مەخپىي مەكتۇپ يوللاپ، «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» نىڭ ئەسلى قوليازمىسى بىلەن كەشمىردىكى تۇنجى نەشرىدىن بىرقانچە نۇسخىنى بىر ئامال قىلىپ ۋەتەن ئىچىگە ئېلىپ كىرىشنى تەلەپ قىلغان. 1947-يىلى ئابدۇكېرىم ھاجى بالىچاقىلىرىنى ئېلىپ، كەشمىردىن ۋەتەنگە قايتىش سەپىرىدە مىڭ بىر جاپالار بىلەن بۇ مۇقەددەس تاپشۇرۇقنى ئورۇندىغان. مۇھەممەد ياقۇپ بۇغرانىڭ تۈركىيەدە نەشىر قىلدۇرغان خاتىرەسىگە قارىغاندا، ئابدۇكېرىم بۇغرا شۇ چاغدا بۇ كىتابنىڭ قوليازمىسىنى ئايالى زەينەپ خانىمنىڭ ئۇچىسىدىكى پاختىلىق چاپاننىڭ ئەستىرى ئىچىگە تىكىپ يوشۇرغان. كەشمىر نەشرىدىن 3 نۇسخىنى ئات-ئۇلاغلارنىڭ توقۇمى ئاستىغا يوشۇرغان. بۇلار چېگرادىكى خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ تىنتىشى ۋە تەكشۈرۈشىدىن ئامان-ئېسەن ئۆتۈپ كەتكەن، ئەمما باشقا بىر سودىگەر ھەمراھىنىڭ يۈكى ئارىسىغا يوشۇرغان ئىككى نۇسخا بايقىلىپ قېلىپ، مۇسادىرە قىلىنغان. «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» نىڭ ئەسلى قوليازمىسى بىلەن كەشمىر نەشرىدىن 3 نۇسخا ئەنە شۇنداق قىيىن جەريانلار بىلەن ۋەتەن تۇپراقلىرىغا ئۇلاشقان.
تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت بىلەن ئامېرىكادىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» نىڭ ئەسلى قوليازمىسى بىلەن كەشمىر نەشرىدىن بىرقانچە نۇسخىنىڭ 1947-يىلى ۋەتەنگە ئېلىپ كىرىلىشى، ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈچۈن مۆلچەرلىگۈسىز قىممەتكە ئىگە ئىكەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ ئەسەر ۋەتەن ئىچىدە تۈرلۈك يوللار بىلەن تارقىلىپ، ئۇيغۇر مىللىي تارىخچىلىقىنىڭ ئابىدە ئەسىرى ۋە ئۇل تېشى بولۇپ قالغان.
1948-يىلى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» نىڭ ئەسلى قوليازمىسىغا ئاساسەن، بۇ كىتابنى قايتا تولۇقلاپ ئىشلەپ ئۈرۈمچىدە نەشىر قىلىش ھەمدە ۋەتەن ئىچىدە تارقىتىشنى پىلانلىغان. ئەپسۇسكى، كىتابنىڭ 100 بەتكە يېقىن قىسمى ئاپتور تەرىپىدىن تولۇقلىنىپ ۋە قايتا تۈزىتىلىپ، ئالتاي نەشرىياتىدا بېسىلىشقا باشلىغان چاغدا، كوممۇنىست خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىش يۈرۈشى يېقىنلىشىپ قالغان. بۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا باشچىلىقىدىكى مىللەتچى گۇرۇھ چەت ئەلگە ھىجرەت قىلىش مەجبۇرىيىتىدە قالغان. گەرچە «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» نىڭ 1948-يىلىدىكى ئۈرۈمچى نەشرى تولۇق يورۇق كۆرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ كىتاب 1940-يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مىللىي تارىخ قارىشىغا، ۋەتەن ئۇقۇمىغا مىللىي مۇستەقىللىق ئىرادىسىگە چوڭقۇر تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن.
(داۋامى بار)