0:00 / 0:00
7 - ئۆكتەبىر ئۇلاستاي پارتىزانلىرىنىڭ نىلقا ناھىيىسىنى ئازات قىلغانلىقىنىڭ 60 يىللىق خاتىرە كۈنى . غېنى باتۇر، پاتىخ باتۇر، ئەكبەر سېيىت، ھوشۇر ۋە ئوسمانلار رەھبەرلىكىدىكى ئۇلاستاي پارتىزانلىرىنى ئاساس قىلغان نىلقا قوزغىلىڭىنىڭ زەمبىرەك ساداسى، 1944 - يىلدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى بەرپا قىلدى. ئامېرىكا يېل ئۇنىۋەرسىتېتىنىڭ شەرقشۇناسلىق پەنلىرى بويىچە لېكتورى دوكتور قاھار بارات، نىلقا قوزغىلىڭىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىدىكى ئورنى ھەققىدە مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ سۆھبىتىنى قوبۇل قىلدى.
بۇنىڭ تەپسىلاتىنى مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ سۆبىتىدىن ئاڭلاڭ.