تۈركىيىنىڭ ئازادلىق ئۇرۇشىدا تۈركىستانلىقلار (1)

0:00 / 0:00

تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسى 2-قانىلى بولغان TRT-2 تېلېۋىزىيىسىدە 24-ئۆكتەبىر كۈنى "ئازادلىق ئۇرۇشىدا تۈركىستانلىقلار" ناملىق ھۆججەتلىك فىلم كۆرسىتىلىشكە باشلىدى. بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنى تۈركىيە دۆلەتلىك رادىئو تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ ئۇيغۇر رېجىسورى ئابدۇلخەمىت ئاۋشار ئەپەندى ئىشلىگەن بولۇپ، 30 ئايدا تاييارلانغان ئۈچ قىسىملىق بۇ ھۆججەتلىك فىلىمدە بۇرۇن ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن تۈركىيىگە كېلىپ قالغان تۈركىستانلىقلارنىڭ تۈركىيىنىڭ ئازادلىق ئۇرۇشىغا قوشقان تۆھپىسى تەسۋىرلەنگەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيىنىڭ ئازادلىق ئۇرۇشىدا قوشقان تۆھپىلىرىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنى تونۇشتۇرۇپ تەييارلىغان مەخسۇس پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.