2007 - يىلى مايدا گېرمانىيىنىڭ فرانكفۇرت شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلات قۇرۇلغان ئىدى. ھالبۇكى، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قۇرغۇچىسى ھەم تەشكىلاتنىڭ رەئىسى كۈرەش ئاتاخاننىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، بۇ تەشكىلات ئۆز تەشكىلاتى گېرمانىيىدە ئەنگە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنى گېرمانىيە فرانكفۇرت شەھىرىدىكى ساقچى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا سۇنغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان خىتاي ھۆكۈمىتى گېرمانىيە دائىرىلىرىگە بېسىم ئىشلىتىپ، بۇ تەشكىلاتىنى تېررورلۇق ئارقا كۆرۈنۈش بار، بۇ تەشكىلات تەستىقلانسا گېرمانىيىگە كۆپ ئاۋارىچىلىك بولىدۇ دەپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ قانۇنىي رەسمىيەتلىرىنىڭ پۈتۈشىگە ئېغىر توسقۇنلۇق قىلغان.
لېكىن گېرمانىيە ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بۇ تەشكىلات ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى ئارقىسىدا، نەتىجىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەشكىلاتنى قارىلاپ گېرمانىيە دائىرىلىرىگە يوللىغان ماتېرىيالىنىڭ تۆھمەت ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان.
تۆۋەندە ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەمنىڭ بۇ ھەقتە كۈرەش ئاتىخان بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلىغايسىلەر