بۇ كىتابنى ئاۋسترالىيىدە ياشاۋاتقان يازغۇچى سۆيۈنگۈل جانىشېف خانىم يازغان. بۇ كىتاب، بەدەۋلەتنىڭ قېچىشى، خىتاي بالىلىرىنى سېتىشقا ئېلان چىقىرىش، ئۈرۈمچى غالىبىيەت يولى كوچىسىنىڭ تارىخى، نوغاي تاتار مەسچىتىنىڭ سېلىنىشى، سوۋېتلار سايوزىدىكى ئاچارچىلىق، ئۈرۈمچىدە مائارىپنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە مەكتەپلەر، خەلق سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتى، شەرقىي تۈركىستاندىكى تاتارلارنىڭ قىسقىچە سەنئەت تارىخى، قانخور جاللات شىڭ شىسەينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە سالغان زۇلۇمى، تاتارىستاندىن كەلگەن خەت، بۇۋام ئەخمەت نەجىپنىڭ ۋاپاتى، تاتار مەكتەپ، شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ كىرىشى، يەر ئىسلاھاتى، ستالىننىڭ ئۆلۈمى، ئوتتۇرا بالتايغا ساياھەت، بۇلغارغا ساياھەت قاتارلىق كۆپلىگەن تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بۇ كىتاب ئاساسلىقى يازغۇچى سۆيۈنگۈل جانىشىف خانىم چوڭ ئانىسىنىڭ سۆزلەپ بەرگەن ھېكايە ۋە ۋەقەلىكلەرنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، بوۋىسىنىڭ بېشىغا كەلگەن دەرد - ئەلەم، كۈلپەتلەرنى ئىپادىلەش ئارقىلىق شۇ دەۋردىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن بالاسى-ئاپەتلەرنى تەسۋىرلىگەن.
بىز بۇ كىتاب توغرىسىدا كىتابنى تەھرىرلەپ نەشرگە تەييارلىغان ۋە نەشر قىلغان تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى ۋە بۇ كىتابنىڭ مۇئەللىپى سۆيۈنگۈل جانىشېف خانىم بىلەن بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.