قۇرۇلتاينىڭ ئورنى ۋە ۋاقتى ئالاھىدە مۇھىم ۋاقىت ۋە مۇھىم ئورۇنغا بەلگىلەنگەن بولۇپ، قۇرۇلتاي كەبىنىڭ يېنىدىكى «سافا قەسرى»دە، رامىزاننىڭ 27-كېچىسى «قەدىر كېچىسى» دەپ ئۇلۇغلىنىدىغان ئالاھىدە بىر كېچىدە چاقىرىلىدۇ.
سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان گېزىتلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللا ئىبنى ئابدۇلئەزىز پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ غېمىنى يېگەنلىكتىن، ئاخىرقى ۋاقىتلاردا مۇسۇلمانلارنىڭ شىئە-سۈننى، سەلەفىي- تەسەۋۋۇپ دېگەنگە ئوخشىغان پىرقىلىرى ئوتتۇرىسىدا باش كۆتۈرگەن زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىپ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىرلىكىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىناقلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسىتى بىلەن نۆۋەتتىكى پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتاينى چاقىرماقچى ئىكەن.
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ رەسمىي مەنبەلىرىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە كۆرە، قۇرۇلتايغا 57 دۆلەتنىڭ رەئىسى ئىشتىراك قىلىدىكەن. قۇرۇلتاي بارچە ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىرلىكى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ قايسى مەزھەپ ۋە قايسى پىرقىدىن بولمىسۇن، ھەممىسى بىردەك ئىسلامى قېرىنداش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش ئۈچۈن چاقىرىلىدىغان بولغاچقا، ئىران رەئىسى ئەھمەدى نىجادمۇ ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىگە ۋەكىللىك قىلغان ھالدا قۇرۇلتايغا ئىشتىراك قىلىدىكەن.
قۇرۇلتاي مۇسۇلمانلارنىڭ مۇشكىلاتلىرىنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ
خەۋەرلەرگە كۆرە، مەككىدە چاقىرىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان مەزكۇر قۇرۇلتايدا، سۈرىيە ۋەزىيىتى ئوتتۇرىغا قويۇلىدىكەن ۋە سۈرىيىدە قان ئېقىتىشنى توختىتىشنىڭ چارىلىرى ئۈستىدە باش قاتۇرۇلىدىكەن. مۇھىم بولغىنى سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراندىن ئىبارەت بىر-بىرى بىلەن رىقابەتلىشىۋاتقان ئىككى زور كۈچ بىر ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ سۆھبەتلىشىدىكەن ۋە ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئارقىلىق ئىسلامى قېرىنداشلىقىنى كۈچەيتىشكە تىرىشىدىكەن. قۇرۇلتايدا يەنە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەزىيىتى ۋە قىيىنچىلىقلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئۇلارغا ياردەم قىلىش، قۇتقۇزۇش، دىنىي قېرىنداشلىق بۇرچىنى يەتكۈزۈش چارىلىرى تارتىشىلىدىكەن.