گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرى جانلانماقتا

سانىنىڭ بىر قەدەر كۆپلۈكى ۋە پىداكارلىرىنىڭ ئۈزۈلمەس قان-تەرى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر دەۋاسىدا ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنۈۋاتقان گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا ياخشى تەسىر بەرمەكتە.

0:00 / 0:00

شۇ مۇناسىۋەت بىلەن گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى ھەققىدە، گوللاندىيىگە كەلگىنىدىن بۇيان بارلىق پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ كېلىۋاتقان ۋە ھەرساھە تەرەپلىرى بىلەن ئورتاق ئالاقىدە بولۇۋاتقان ئەسقەرجان ھاجىمنى زىيارەت قىلىپ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسىنى ئىگىلىدۇق.

ئۇنىڭ قارىشىچە، رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئەتلىرىنىڭ يېتەكلىشى بىلەن يېقىندىن بۇيانقى ئىككى يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ. گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلارنى مىللىي خاسلىق ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى بىلەن قەد كۆتۈرمەكتە دېيىشكە بولىدىكەن.

ئۇ گوللاندىيىدە ئاكتىپ ۋە جانلىق پائالىيەتلەردە بولۇۋاتقان تەشكىلاتلاردىن «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» ۋە «ئۇيغۇر ياشلار پارتىيىسى» تەشكىلاتى ھەققىدە ئالاھىدە توختالدى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، گوللاندىيىدە قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» مۇ قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەۋلادلارغا ئۇيغۇرچە ئۆگىتىش، دىنىي ۋە مىللىي مەدەنىيەتكە يېتەكلەشكە ئوخشاش بىر قاتار ياخشى خىزمەتلەرنى قىلغاندىن باشقا، چەتئەللىك قىزىققۇچىلارغا مىللىي خاسلىقنى نامايان قىلىدىغان تۈرلۈك پائالىيەتلەردە بولغان. «ئۇيغۇر ياشلار پارتىيىسى تەشكىلاتى» مۇ بېلگىيىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن دوستلىشىپ، ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق چوڭ كۆلەملىك پۇتبول مۇسابىقىسىگە مەيدان ھازىرلاش ئۈچۈن ئىتتىپاقلاشقان.

خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، ھازىر گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى بارغانسېرى ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە دېيىشكە بولىدىكەن.

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بىر ئائىلە ئەزالىرىدەك ئىناق ئۆتۈپ، بىر تۈپ دەرەختەك كۆكلەپ مېۋە بېرىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقى بىلدۈردى.