
30-ئاپرىل ۋە 1- ماي كۈنلىرى تۈرك دۇنياسى كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئەنقەرەدە "شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى" ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى.
يىغىنغا تۈرك دۇنياسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پەخرى رەئىسى گېنېرال مەمەت رېزابېكىن، رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن قاتارلىق ئاتاقلىق سىياسىيونلار، جەمئىيەت باشلىقلىرى ۋە ئۇيغۇرلار قاتناشتى.
بۇ يىغىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر خەۋپ ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسۇل مۇدىرى ئۇلرىچ دېلىئۇس ئەپەندى "شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى" ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇدى.
بۇ پروگراممىمىزدا، ئىختىئويارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم ئۇلرىچ دېلىئۇس ئەپەندىنىڭ "شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى" ناملىق ماقالىسىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىدۇ.