كۆزەتكۈچىلەر: خەلقئارا جەمئىيەت ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلاردا يولغا قويۇلۇۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەككە ئورتاق قارشى تۇرۇشى كېرەك

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.03.04
lager-atush-yepiq-terbiyelsh-1.jpg تېز سۈرەتتە كۆپىيىۋاتقان «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرى» يەنى خىتاينىڭ جازا لاگېرىدىن بىرىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2018-يىلى 3-دېكابىر، ئاتۇش.
AP

بۈگۈن، فىرانسىيە ئاگېنتلىقى ئىككى يىللىق لاگېر ھاياتىدىن قۇتۇلۇپ، قازاقىستانغا قايتىپ كەلگەن گۈلزىرە ئاۋلخاننى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ئېلان قىلغان بىر پارچە خەۋىرىدە نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلاردا تۇتقۇنلارنىڭ زاۋۇت-كارخانىلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. گۈلزىرەنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇ 15 ئاي بويىچە ئىككى ئوخشىمىغان لاگېردا تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن غۇلجا ناھىيەسى تەۋەسىدىكى «جيافاڭ سانائەت رايونى» دىكى بىر پەلەي زاۋۇتىدا ئىشقا چۈشكەن. ئۇلار ھەر كۈنى ئاپتوبۇس بىلەن ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ، بۇ زاۋۇتقا ئەپ كېلىنىدىغان بولۇپ، زاۋۇت دائىرىلىرى يەنە ئۇلارغا ئوچۇق قىلىپ، بۇ پەلەيلەرنىڭ چەتئەللەرگە ئېكسپورت قىلىنىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ياسىشى كېرەكلىكىنى بۇيرۇغان ئىكەن.

ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىدىن «ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇك خانىمنىڭ قارىشىچە، بۇ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنىڭ خەلقئارالىق تەسىرىنى نامايان قىلىپ بېرىدىغان يەنە بىر مۇھىم ئەھۋال ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «خىتايدىكى تۈرمىلەردە ياكى ھەرخىل تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەك ھېچقاچان تەلتۆكۈس ئاياغلىشىپ باقمىغان. بىراق بۇ، ئۇيغۇر ئېلىدە لاگېرلارنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن يەنىمۇ كەڭ ئومۇملاشتى. يۇقىرىدىكى بۇ قازاق ئايالنىڭ ئېيتقانلىرى، يەنى لاگېردىكىلەر ئىشلەپ چىقارغان پەلەيلەرنىڭ چەتئەللەرگە ئېكسپورت قىلىنىدىغانلىقىدەك بىر پاكىت بۇ مەسىلىنىڭ خەلقئارالىق ھەجمىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. دېمەك، ئامېرىكا قاتارلىق ھەرقايسى ئەللەر ئىمپورت قىلىنغان ماللارنىڭ مەنبەسىنى قاتتىق تەكشۈرۈشى، مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپ چىقىرىلغان ماللارغا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىنى چىڭىتىشى ۋە ھەرقايسى شىركەتلەر ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشى كېرەك».

يېقىندا ئامېرىكادىكى باجېر تەنتەربىيە كىيىملىرى شىركىتى خوتەندىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتقۇنلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقان «تەيدا ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى» نىڭ تەنتەربىيە كىيىملىرىنى ئىمپورت قىلىپ، ئامېرىكادا بازارغا سالغان. بۇ ۋەقە كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلغاندىن كېيىن باجېر شىركىتى خوتەندىكى «تەيدا شىركىتى» بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىسىنى ئۈزگەنلىكىنى ۋە بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدىن ھېچقانداق مال ئىمپورت قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

ئامېرىكادىكى نۇرغۇن ئۇنىۋېرسىتېتلار باجېر شىركىتىنىڭ مەكتەپ دۇكانلىرىدىكى تەنتەربىيە كىيىملىرىنى يىغىۋەتكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمەت تارماقلىرىمۇ مەزكۇر ۋەقە ئۈستىدىن تەكشۈرۈش باشلىغان ئىدى.

ساراھ كۇك خانىمنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ ھەممە يېرىگە تارقالغان مەجبۇرىي ئەمگەك زاۋۇتلىرىنى تېپىشقا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇنداق زاۋۇتلارنى بايقاش ئاسانراق ئىكەن. شۇڭا چەتئەل ھۆكۈمەتلىرى ۋە ھەرقايسى چەتئەل شىركەتلىرى، ئىمپورت قىلىۋاتقان ماللىرى ئەگەر ئۇيغۇر ئېلىدە ياسالغان بولسا، ئۇنى كىرگۈزمەسلىكى ۋە ئۇ شىركەتلەر بىلەن ئالاقىنى تۈزۈشى كېرەك ئىكەن.

«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى ئۆتكەن يىلى دېكابىردا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارغا تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلار، سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق تارتىلغان سۈرەت ۋە خىتاي خەۋەر تور بەتلىرىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەر، شۇنداقلا خىتاي تور بەتلىرىدە زاۋۇتلارنىڭ ئادرېسىغا ئائىت تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلارنى سېلىشتۇرۇش ۋە تەتقىق قىلىش ئاساسىدا يېقىنقى ئايلاردىن بېرى لاگېرلارغا چېتىشلىق بولغان زاۋۇت-فابرىكىلارنىڭ قەشقەر، ئاقسۇ ۋە خوتەندە تېزدىن كۆپەيگەنلىكىنى بايقىغان. مەزكۇر گېزىت ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، بۇ زاۋۇتلارنىڭ كۆپى كىيىم-كېچەك فابرىكىلىرى ئىكەن.

مەزكۇر خەۋەر ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، خىتاينىڭ «مەركىزى شەھەر ئىستېمالچىلىرى گېزىتى» بىر خەۋەر تارقىتىپ، 2018‏-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رايونىدا ئوتتۇرا-كىچىك تىپلىق 19 مىڭ يېڭى كارخانا پەيدا بولغانلىقىنى، بۇ كارخانىلاردا 170 مىڭ ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشقانلىقىنى، بۇ يىل ئىچىدە بۇ كارخانىلار سانىنىڭ يەنىمۇ ئاشۇرۇلۇپ يەنە 100 مىڭ كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ساراھ كۇك خانىم ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ناھايىتى زور پايدىغا ئېرىشىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ھەتتا لاگېرلارنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنىمۇ ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىدە: «شىنجاڭدىكى لاگېرلاردىكى تۇتقۇنلارنى بىكارلىق ئەمگەككە سېلىش ئارقىلىق پايدا ئېلىۋاتقانلار بار. ئۇلار بەلكىم شەخسىي شىركەتلەر ياكى ھۆكۈمەت شىركەتلىرى ۋە ياكى ئەمەلدارلار بولۇشى مۇمكىن. بەلكىم بۇنىڭدىن كىرگەن پايدىنىڭ مەلۇم قىسمى لاگېرلارنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە ھەتتا كېڭەيتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا مېنىڭچە، لاگېرلارغا چېتىشلىق بۇنداق شىركەتلەردىن مال سېتىۋېلىشنى قەتئىي چەكلەپ، ئۇلارغا تىجارەت پۇرسىتى بەرمەسلىك كېرەك. ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن ئېلىۋاتقان پايدىسىنى چەكلەش ئازايتىش ياكى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا ھېچ بولمىغاندا ئىقتىساد ئارقىلىق بولسىمۇ، لاگېر مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ، دەپ قارايمەن» دېدى.

دەرۋەقە، چەتئەللەردىكى بىرقىسىم ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرى لاگېرلاردىكى «ئىپادىسى ياخشى» دەپ قارىلىۋاتقان تۇتقۇنلارنىڭ زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشىنىڭ سەۋەبىنى، خىتايدا ئىقتىساد ئومۇميۈزلۈك ئاستىلىغان شارائىتتا رايوندا ئەمگەك كۈچى ئازىيىپ كېتىش بىلەن پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغان كىچىك تىپتىكى خىتاي كارخانىلىرىنى تىرىلدۈرۈش ۋە ياكى ھۆكۈمەت لاگېرلارغا سەرپ قىلىۋاتقان چىقىملىرىنى تولۇقلاش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.