شەندوڭدىكى بىرقانچىلىغان تۈرمىدە ئۇيغۇر دىيارىدىن يۆتكەپ ئاپىرىلغان تۇتقۇنلارنىڭ بارلىقى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019.03.01
Shandong-Turme.jpg ئۇيغۇر رايونىدىن مەھبۇسلارنىڭ يۆتكەپ كېلىنگەنلىكى مەلۇم بولغان شاندوڭ ئۆلكىسىدىكى تۈرمىلەردىن بىرى.
Social Media

ئۇيغۇر رايونىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ ئاپىرىلغان مەھبۇسلار ھەققىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى تۈرمىلەردىمۇ ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ بارلىقى ئاشكارىلاندى. شەندۇڭدىكى تۈرمە خادىملىرىدىن بىرى ئۇيغۇر رايونىدىن يۆتكەپ ئاپىرىلغان مەھبۇسلارنىڭ بىر ئەمەس، بەلكى بىرقانچىلىغان تۈرمىلەردە بار ئىكەنلىكىنى بايان قىلسا، يەنە بىر تۈرمە خادىمى ئوچۇق ھالدا ئۆزى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان تۈرمىدىمۇ ئۇيغۇر رايونىدىن يۆتكەلگەن مەھبۇسلارنىڭ بارلىقىنى، ئەمما تەپسىلىي ئەھۋالىنى دەپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا خېيلوڭجياڭنىڭ تەيلەي تۈرمىسى، سىچۈەننىڭ يىبىڭ تۈرمىسى، شەنشىنىڭ سۈيجياگو تۈرمىسى؛ ئىچكى موڭغۇلنىڭ شالاچى ۋە ۋۇتاچى تۈرمىلىرى شۇنداقلا گەنسۇنىڭ كۆپ ساندىكى تۈرمىلىرىدە ئۇيغۇر رايونىدىن يۆتكەپ ئاپىرىلغان مەھبۇسلارنىڭ بارلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. بۈگۈن بىز شەندۇڭ ئۆلكىلىك تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە ھەرقايسى تۈرمە خادىملىرىدىن بۇ ھەقتە مەلۇمات سورىدۇق.

شەندوڭ ئۆلكىلىك بىرىنچى تۈرمىنىڭ بىر خادىمى تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بۇ تۈرمىدە ئۇيغۇر رايونىدىن يۆتكەلگەن مەھبۇسلارنىڭ بار-يوقلۇقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمىدى. ئالاقىدار تور ئۇچۇرلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، شەندۇڭ ئۆلكىسىدە جىنەن تۈرمىسى، لۇجوڭ تۈرمىسى ۋە جىجوۋ تۈرمىسى قاتارلىق 20 نەچچە تۈرمە بار ئىكەن. بىز بۇلاردىن ‏ئاياللار بىرىنچى تۈرمىسىگە تېلېفون قىلدۇق. تۈرمىنىڭ نۆۋەتچى خادىمى ئۇيغۇر رايونىدىن يۆتكەلگەن مەھبۇسلارنىڭ قانچىنچى كامېر ياكى رايونىدا ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا بۇ توغرىلىق ئۆزلىرىنىڭ جاۋاب بېرىش مەسئۇلىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى بايان قىلىپ، سوئالدىن ئۆزىنى قاچۇردى. بىز ئۇنىڭدىن ئۇيغۇر رايونىدىن يۆتكەلگەن مەھبۇسلارنىڭ بۇ تۈرمىدە بار ياكى يوقلۇقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ياكى تۈرمە رەھبەرلىرىدىن سورىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتتى. بۇ خادىم تۈرمىدىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ سانى ھەققىدىكى سوئالىمىزغىمۇ جاۋاب بېرىشتىن ئوخشاش سەۋەبنى كۆرسىتىپ ئۆزىنى قاچۇردى. 

ئۇيغۇر رايونىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەن مەھبۇسلار ھەققىدە بىر قىسىم ئىنچىكە ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىغان ئىتالىيەدىكى «زىمىستان» تورى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىك سۈپىتىدە قاتتىق سىر تۇتۇلۇۋاتقانلىقى، ھەتتا دائىرىلەرنىڭ تۈرمە خادىملىرى بىلەن ئەھۋالنى ئاشكارىلىماسلىق ھەققىدە توختام تۈزگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

شەندوڭ ئۆلكىلىك تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باش مۇلازىمەت خادىمى ئۇيغۇر رايونىدىن يۆتكەلگەن مەھبۇسلارنىڭ قايسى تۈرمىدە ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا بەرگەن جاۋابىدا يۆتكەپ ئاپىرىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر ئەمەس، بەلكى بىرقانچىلىغان تۈرمىلەردە بار ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. بىز ئۇنىڭدىن شەندۇڭنىڭ جىنەن شەھىرىدىكى تۈرمىدە قانچە ئۇيغۇر بارلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ جىنەندىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىرقانچە تۈرمىدە بارلىقىنى ئىشارەت قىلىپ، قايسى تۈرمىدىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى سوراۋاتقانلىقىمىزنى سورىدى. بىز ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرلار قامالغان تۈرمىلەرنىڭ تېلېفون نومۇرلىرىنى سورىدۇق. ئۇ تۈرمىلەرنىڭ تېلېفون نومۇرلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى بىلمەيدىغانلىقى، بىلگەنلىرىنىمۇ دەپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىز ئۇنىڭدىن ھەر بىر تۈرمىدە تەخمىنەن قانچىدىن ئۇيغۇر بارلىقىنى سورىدۇق. بۇ خادىم بۇ مەلۇماتلارنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇ سوئالىمىزغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى تەكرارلىدى. بۇ خادىم يەنە بىزنىڭ ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى، تۈرمە خادىملىرى بىلەن ئارىسىدا قانداق بىر مەسىلىلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغىمۇ ئۆزىنىڭ بىلمەيدىغانلىقىنى ئەمەس، بەلكى جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر رايونىدىن يۆتكەلگەن مەھبۇسلار ھەققىدە بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى بىلىدىغان ۋە بىر قىسمىنى بىلمەيدىغانلىقى، بىلگەنلىرىنى بولسا دەپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. 

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان شەندۇڭ ئۆلكىلىك بىرىنچى تۈرمە خادىمىمۇ ئۇيغۇر رايونىدىن يۆتكەلگەن مەھبۇسلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى ئىزچىل رەت قىلدى. ئەمما ئۇ ئاخىرىدا بۇ تۈرمىدە ئۇيغۇر رايونىدىن يۆتكەلگەن مەھبۇسلارنىڭ بار ياكى يوقلۇقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا بەرگەن جاۋابىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تۈرمىدە بار ئىكەنلىكىنى، ئەمما سانى ۋە ئەھۋالىنى دەپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىز سوئالىمىزنى تەكرارلىدۇق، ئۇمۇ ئوخشاش جاۋابىنى تەكرارلىدى. 

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، شەندۇڭدىكى تۈرمىلەردىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان 10 دىن ئارتۇق تۈرمە خادىملىرىنىڭ ھەممىسى سوئالىمىزغا تولۇق جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان بولسىمۇ، ھېچقايسىسى ئۇيغۇر رايونىدىن يۆتكەپ ئاپىرىلغان مەھبۇسلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلالمىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.