ۋاشىنگتوندىكى چوڭ نامايىشنىڭ تەييارلىقى جىددىي باشلاندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019.03.08
washington-namayish-sham-koydurush.jpg ئۇيغۇر دىيارىدىكى چېكىگە يېتىۋاتقان مىللىي زۇلۇم ۋە باستۇرۇشقا نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەمدە ئۇنى ئاق سارايغا بىۋاسىتە ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئاق ساراي ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن كەچلىك نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 22-ئىيۇن، ۋاشىنگتون.
Photo: RFA

4-ئاينىڭ 6-كۈنى ۋاشىنگتوندا ئوخشىمىغان پارتىيە-گۇرۇھلار، دىنىي ئېقىملارنىڭ بىرلەشمە زور نامايىشى ئۆتكۈزۈلمەكچى.

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بۈگۈن بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 3-مارت كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئىشتىراكىدا تېلېفون يىغىنى چاقىرىلىپ، 4-ئاينىڭ 6-كۈنى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلىدىغان زور بىرلەشمە نامايىشنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى جىددىي باشلاش قارار قىلىنغان. 

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 4-مارت كۈنى يەنە بىر قېتىم تېلېفون يىغىنى چاقىرىلىپ، نامايىش تەييارلىق گۇرۇپپىسى قۇرۇپ چىقىلغان. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، د ئۇ ق رەھبەرلىكىدە باشلانغان بۇ قېتىمقى زور نامايىش ئۆتكەن يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزى بىريۇسسېلدا ۋە 11-ئاينىڭ 6-كۈنى جەنۋەدىكى ب د ت بىناسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كېيىنكى 3-قېتىملىق چوڭ نامايىش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى نامايىشقا ئۇيغۇرلاردىن سىرت، ئامېرىكا ۋە كانادادىكى ئوخشىمىغان دىنىي ئېقىملارنىڭ، ئوخشىمىغان پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتنىشىدىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ مەقسىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۈنۈملۈك قارارلارنى قوبۇل قىلىشى ئارقىلىق خىتاينى جازا لاگېرلىرىنى تاقاشقا مەجبۇرلاشتىن ئىبارەت بولۇپ، نامايىشقا يەنە ئامېرىكىنىڭ مۇھىم دۆلەت ئەربابلىرىمۇ ئىشتىراك قىلىپ نۇتۇق سۆزلەيدىكەن. 

د ئۇ ق تاراتقۇلىرىدىكى بۈگۈن 5-مارت ئېلان قىلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ نامايىشقا ئامېرىكا ۋە كانادادىكى ئۇيغۇرلاردىن سىرت، دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قاتنىشىشى ئۈچۈن سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ قېتىمقى نامايىش ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ساھەسىدە جانلىق ھەرىكەتكە ئۆتۈشىگە سەۋەب بولىدىكەن. 

مەلۇم بولغىنىدەك، د ئۇ ق نىڭ 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزى بىريۇسسېلدا ۋە 11-ئاينىڭ 6-كۈنى جەنۋەدىكى ب د ت بىناسى ئالدىدا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلىرىنىڭ كۆلىمى ئالاھىدە زور بولغان بولۇپ، مىڭلارچە ئۇيغۇرلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى قىتئەلىرىدىن كېلىپ قاتناشقان ئىدى. بۇ قېتىم ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلىدىغان نامايىش كۆلىمىنىڭمۇ شۇنداق زور بولۇشى تەخمىن قىلىنماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.