غەرب خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر سىياسى جىنايەتچىلىرىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ، ھۆكۈمنى ئىجرا قىلىشنى ئۆزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ.
رويتەرس ۋە فرانسىيە ئاخبارات ئاگەنتلىقلىرىنىڭ -13 كۈنى بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى -7 ئاينىڭ -21 كۈنى 18 نەپەر ئۇيغۇرنى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىد سالغان دىگەن جىنايەت بىلەن جازالىغان ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىككىسىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىپ، شۇ زامان ئىجرا قىلغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ھۆكۈمنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سوت مەھكىمىسى بىلەن شايار ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى بىرلىشىپ ئىجرا قىلغان بولۇپ، بۇ 18 نەپەر كىشىنىڭ ئارىسىدا ئەخمەت تاش بىلەن لوقمان مەمەتكە ئۆلۈم جازاسى، يەنە ئىككىسىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى، شۇنداقلا قالغان 14 نەپەر كىشىگە 5 يىلدىن 20 يىلغىچە قاماق جازاسى بەرگەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى -1990 يىللاردىن كېيىن ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى ناھىيىلىرىدە نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىد سالغان دىگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇلار ئۈستىدىن ناھايىتى تىز سۈرئەتتە ئۆلۈم ھۆكۈمى چىقىرىپ ھۆكۈمنى دەرھال ئىجرا قىلىپ كەلمەكتە.
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سوت مەھكىمىسى -1996 يىلى -7 ئايدا ئابدۇللا قاسىم، ئىزىز زىياۋىدۇن، مۇھەممەت ئابلا ۋە غوجا ئابدۇللا قاتارلىق تۆت ئۇيغۇر ياشنى يەنە شاياردا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىد سالغان دىگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇلارنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ، ھۆكۈمنى دەرھال ئىجرا قىلغان ئىدى.
مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات، ھازىر ئامېرىكىنىڭ مەلۇم شتاتىدا ياشاۋاتقان، ئابدۇللا قاسىم ۋە ئىزىز زىياۋدۇنلارنى يەقىندىن تونۇيدىغان ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر بىلەن، ئۇلار نىڭ ھاياتى، پائالىيەتلىرى ۋە تۈرمىدە تارقاتقان ئازابلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى.