ئۈچتۇرپاندا تۇغۇلغان ۋە سەرگەردانلىق ھاياتى 1990 - يىلدىكى بارېن ۋەقەسىدىن كېيىن باشلانغان ئۇيغۇر دىنىي زات ئابىدجان ماخمۇت، ئۆز ۋاقتىدا قاغىلىقتىكى مەشھۇر دىنىي زات ئابلىكىم مەخسۇم ھاجىنىڭ تالىپلىرىدىن بولۇپ، 1996 - يىلدىن بېرى گېرمانىيىدە ياشاپ كەلمەكتە ۋە گېرمانىيە دائىرىلىرىنىڭ سىياسى پاناھلىنىش ھوقۇقى بېرىشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا ئىدى.
مەركىزى گېرمانىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ باشلىقى ئابدۇجېلىل قاراقاشنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئابىدجان ماخمۇت، ئابلىكىم مەخسۇم ھاجىنىڭ ھازىرغىچە ھايات قالغان ياكى تۈرمىگە تاشلانماي ياشاۋاتقان ئەڭ ئاخىرقى 2 شاگىرتىنىڭ بىرى ئىكەن. لېكىن ئۇ، بۇنىڭدىن بىر قانچە ئايلار ئىلگىرى گېرمانىيىدە تۇغۇلغان 3 - پەرزەنتىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش رەسمىيىتى بېجىرىش ئۈچۈن ميۇنخېندىكى چەتئەللىكلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسىغا بارغاندا، ميۇنخېندىكى جۇڭگو كونسۇلخانىسىنىڭ ئۇنى خىتايغا قايتۇرۇپ كېتىش ئۈچۈن يول مېڭىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقان. ئابىدجان ماخمۇت بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
بۇ ھەقتىكى تولۇق مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز ئەركىننىڭ ئابىدجان ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن ئاڭلاڭ.