ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئالداپ - سېتىش داۋام قىلماقتا

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسلىرىغا قارىغاندا، يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالداپ ياكى سېتىلىپ كېتىلىشىگە ئوخشاش مەسىلىلەر كۆپ كۆرىلىدىغان بىر ئېغىر جەمئىيەت مەسىلىسىگە ئايلانغان بولۇپ، نۆۋەتتە ھەتتا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى چوڭ شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىدە دىگۈدەك تىلەمچىلىك، ئوغرىلىق، يانچۇقچىلىق قىلىۋاتقان ئوقۇش يېشىدىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنى كۆپ ئۇچراتقىلى بولىدىكەن.