فرانسىيىدىكى خەلقئارا مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان مەلۇماتىدا ئېيتىلىشىچە، 2004 - يىلى دۇنيا بويىچە 53 نەپەر مۇخبىر ۋە 15 نەپەر مەتبۇئات ياردەمچىسى ئۆلگەن بولۇپ، 1995 - يىلىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، ئاخبارات ساھىسىدىكىلەر ئەڭ كۆپ ئۆلگەن يىل بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
مەلۇماتتا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ئىراق دۇنيا بويىچە ئەڭ خەتەرلىك دۆلەت بولۇپ، مەزكۇر دەلەتتە ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە ئۆلگەن مۇخبىرلار سانى 30 دىن ئاشقان.
خىتاي ئاخباراتنى قاتتىق كونترول قىلماقتا
خەلقئارا مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئېلان قىلغان بۇ مەلۇماتتا يەنە، " خىتاي دۇنيا بويىچە ئاخبارات ئەركىنلىكى ئەڭ ئاز بولغان دۆلەت" دەپ كۆرسىتىلگەن. خەلقئارا مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا بۆلىمى باشلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، خىتاينىڭ ھازىرقى ئاخبارات ساھەسى قارىماققا گەرچە تەرەققى قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرىۋاتقان خىتاي كومپارتىيىسى مۇخبىرلارنى قاتتىق كونترول قىلىپ، ئۇلارنىڭ خالىغانچە پىكىر بايان قىلىشنى چەكلەپ ھەر زامان ئاگاھلاندۇرۇپ كەلمەكتە.
مەزكۇر تەشكىلات بۆلۈم باشلىقى خىتايدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان مۇنداق ئىككى خىل قارمۇ-قارش ئەھۋالنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، "ھازىر خىتايدا، بىر قىسىم مۇخبىرلار ئىلگىرى گېزىت - Ζئورناللاردا ئېلان قىلىنىپ باقمىغان تېمىلاردا مەلۇمات بېرىۋاتقان بولسىمۇ، نۇرغۇنلىغان مۇخبىرلار چىرىكلىك ۋە ئوخشىمىغان سىياسىي كۆزقاراشلار توغرىسىدا ماقالە ئېلان قىلغانلىقتىن، قولغا ئېلىنماقتا، دېمەك، خىتاي گەرچە زامانىۋىلىشىش تەرەپكە قاراپ مېڭىۋاتقان بولسىمۇ، ئاخبارات ساھەسىدە ھەقىقى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى ئويلىمىدى، ئۇلار يەنىلا، مەتبۇئاتنى ناھايىتى قاتتىق كونترول قىلىپ كەلمەكتە" دەپ كۆرسەتتى.
2004 - يىلى خىتايدا 26 نەپەر مۇخبىر زىندانغا تاشلاندى
خەلقئارا مۇخبىرلار تەشكىلاتى مەزكۇر دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇخبىرلارنى خالىغانچە قولغا ئالىدىغانلىقى ھەققىدە نۇرغۇن مىساللارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 2004 يىلى خىتايدا جەمى 26 نەپەر مۇخبىرنىڭ زىندانغا تاشلانغانلىقىنى ھەمدە خىتاي ئاسىيا بويىچە مۇخبىرلارنى قامايدىغان ئەڭ چوڭ تۈرمىگە ئايلانغانلىقىنى كۆرسەتتى.
مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن پەرھات ئەپەندىنىڭ قاراشلىرى ئۇزۇن يىل ئۇيغۇر رايونىدا مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن پەرھات ئەپەندى ئۆزىنىڭ خەلقئارا مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئېلان قىلغان بۇ مەلۇماتتىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزەلدىن ئاخبارات ساھاسىنى قاتتىق كونترول قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ھەم ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن مەزگىلىنى ئەسلەپ، مۇنداق دىدى: