باش شىتابى ئامېرىكىنىڭ نيو-يورك شەھىرىدىكى " مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى" دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان 2004 - يىللىق دوكلاتىدا، 90 دۆلەتنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىگە باھا بەرگەن ھەمدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇخبىرلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش ۋەقەلىرىنى ۋە ئۇرۇشنىڭ ئاخبارات خادىملىرىغا ئېلىپ كەلگەن تەھدىدىنى خاتىرىلىگەن.
ئىراقتا مۇخبىرلارنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى ئېغىر بولغان
" مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى" ۋاشىنگتوندىكى " مۇخبىرلار كۇلۇبى" دا دوكلات ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، كومىتېتنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ئەن كۇپىر ، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە 56 نەپەر مۇخبىرنىڭ خىزمەت سەۋەبىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئون يىلدىن بۇيان ئەڭ كۆپ سان ھېسابلانلىنىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇ يەنە ئىراقنىڭ مۇخبىرلار ئۈچۈن ئەڭ خەتەرلىك جاي ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
- ئۆتكەن يىلى، ئىراق يەنە بىر قېتىم مۇخبىرلار ئۈچۈن خىزمەت شارائىتى ئەڭ ناچار دۆلەت ھېسابلاندى. " ۋولسىتىرت گېزىتى" نىڭ بىر ئايال مۇخبىرىنىڭ ئۆتكەن يىلى 9 - ئايدا يازغان بىر ئابزاست سۆزى ھازىرغىچە نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ يادىدا بار. ئۇ "ئىراقنىڭ پايتەختى باغدات شۇنچىلىك خەتەرلىككى، ئۇ يەردە مۇخبىرلار خىزمەت قىلىۋاتقاندا دائىم ئۆزىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغاندەك ھىس قىلىدۇ" دېگەن. مۇخبىرلار ئىراقتا نېمە ئۈچۈن شۇنچە چوڭ بېسىمغا ئۇچرايدۇ؟ بىزنىڭ بۇ ھەقتە ئىگىلىگەن سانلىق مەلۇماتلىرىمىزنى ئاڭلاپ بېقىڭلار. 2004 - يىلى ئىراقتا ئاز دېگەندە 22 مۇخبىر گۆرۈگە ئېلىندى. 23 نەپەر مۇخبىر ئۆلتۈرۈلدى. بۇنىڭدىن سىرت يەنە ئۇلارنىڭ تەرجىمانلىرى ۋە شوپۇرلىرىدىن بولۇپ 16 ئادەم زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى."
مۇخبىرلارنى قاماشتا ئالدىنقى دۆلەتلەر
خىتايدا، مۇخبىرلار دۈچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ مەسىلە، ھۆكۈمەتنىڭ تۇتقۇن قىلىپ قامىشىغا ئۇچراش . خىتاي ئۇدا 6 - يىلى دۇنيادا مۇخبىرلارنى ئەڭ كۆپ قامىغان دۆلەتكە ئايلاندى.
مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2004 - يىلى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا 122 مۇخبىر خىزمەت ساۋەبىدىن تۈرمىگە تاشلانغان. خىتاي قاتارلىق تۆت دۆلەت قامىغان مۇخبىرلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ ئىكەن. ئەن كۇپىر مۇنداق دېدى:
- 2004 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تۈرمىگە تاشلانغان 122 نەپەر مۇخبىرنىڭ تۆتتىن ئۈچىدىن كۆپرەكى، خىتاي، كۇبا، بېرمىلاردىكى تۈرمىلەردە ياتماقتا.
خىتاي مۇخبىرلارنى قاماشتا چىمپىيون
مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئول ئەمەلدارى ئابى رايىت مۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، خىتايدا مۇخبىرلارنى تۇتقۇن قىلىپ باستۇرۇش ئەھۋاللىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى:
- خىتايدا، مۇخبىرلار دۈچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ مەسىلە، ھۆكۈمەتنىڭ تۇتقۇن قىلىپ قامىشىغا ئۇچراش . خىتاي ئۇدا 6 - يىلى دۇنيادا مۇخبىرلارنى ئەڭ كۆپ قامىغان دۆلەتكە ئايلاندى. خىتايدا 42 نەپەر مۇخبىر خىزمەت سەۋەبىدىن تۈرمىدە ياتماقتا. ئۆتكەنكى ئالتە يىلدا، خىتايدا تۈرمىگە تاشلانغان مۇخبىرلارنىڭ سانى بىر ھەسسە قاتلاندى. بۇ ئاساسلىقى ئىنتېرنېت تورىنىڭ ئومۇملىشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەمما خىتايدا ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋەزىيىتىنىڭ بارغانسىرى ناچارلىشىشى بىلەن، مۇخبىرلارنىڭ كىشىلىك ئەركىنلىكىمۇ بارغانسىرى چوڭ تەھدىدكە ئۇچراۋاتىدۇ. ئۆتكەن يىلى " نەنفاڭ شەھەر گېزىتى" نىڭ نەچچە تەھرىرى قولغا ئېلىندى، " نيو-يورك ۋاقتى گېزىتى" نىڭ خىتايدىكى تەتقىقاتچىسى جاۋ يەنمۇ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش جىنايىتى بىلەن تۇتۇلدى. ھازىرغىچە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى جاۋ يەننى ئادۋوكاتى بىلەن ئۇچراشتۇرمايۋاتىدۇ"
ئۇيغۇر ئېلىدا مۇخبىرلىق قىلماقنىڭ تېخىمۇ تەس
ئىلگىرى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلار خىتايدا مۇخبىرلىق قىلماق تەس دىيىلسە، ئۇيغۇر ئېلىدا مۇخبىرلىق قىلماقنىڭ تېخىمۇ تەس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەتبۇئات ۋە مۇخبىرلارنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى.
ئالدىنقى يىلى كانادادىن ئۇيغۇر ئېلىگە زىيارەتكە بارغان گۈزەل خانىم، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا خەۋەر ئىگىلەش جەريانىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن مۇخبىرلارغا كېلىۋاتقان زور بېسىمنى ھىس قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
مەن راست بولغان ئەھۋاللارنى ئىگىلىمەكچى ئىدىم. خىتايلار بۇنى بىلىپ قالسا، ئۇچۇرنىڭ سىرتقا چىقىشىغا يول قويمايتتى. ھەتتا نەرسىلىرىمنى تارتىۋېلىپ، مېنى سولاپ قويىشىمۇ مۇمكىن ئىدى. بۇ ناھايىتى خەتەرلىك ئەھۋال. شۇڭا بىز، ھەممە ئىشنى يوشۇرۇن، ناھايىتى تەسلىكتە، خۇددى بىر نەرسىگە ھاياتىنى تىككەندەك قىلدۇق. روھىي جەھەتتە ئېغىر بېسىم ھەم قورقۇنچ. قولۇمدا چەتئەل پاسپورتى بار تۇرۇپ شۇنداق قورقۇپ تۇرۇپ ئىش قىلدىم. شۇ يەرنىڭ ئۆزىدە ياشايدىغان، چەتئەل پاسپورتى بولمىغان مۇخبىرلار ھەقىقى ئەھۋالنى مۇمكىن ئەمەس دېيەلەيدۇ.
گۈزەل خانىم يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇخبىرلارنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ يوليورۇقى بويىچە، بەزىدە ھەقىقەتنى بۇرمىلاشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
خۇ جىنتاۋدىن كۈتكەن ئۈمىد كۆپۈككە ئايلاندى
ئۇنداقتا، خۇ جىنتاۋ باشچىلىقىدىكى يېڭى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى تەختكە چىققاندىن كىيىن، خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋەزىيىتىدە ياخشىلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلدىمۇ؟ بۇ ھەقتە مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتىدىكى ئابى رايىت مۇخبىرىمىز رىچارد فىننىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى:
" خۇ جىنتاۋ تەختكە چىققاندىن كېيىنكى قىسقا بىر مەزگىلدە، كىشىلەر خىتايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ ياخشىلىنىشىدىن ئۈمىد كۈتكەن ئىدى. بىراق بۇ ئۈمىدلەر ئۇزۇن ئۆتمەيلا كۆپۈككە ئايلاندى."
" مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى" 1981 - يىلى قورۇلغان بولۇپ، باش شتابى نيو-يوركتىكى مەزكۇر تەشكىلات پۈتۈن دۇنيادا ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قوغداشنى نىشان قىلغان ھۆكۈمەتكە قارىمايدىغان بىر مۇستەقىل ئورۇن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (ئارزۇ)