بۇرۇنقى پروگراممالىرىمىزدا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نارسىدە ئۇيغۇر بالىلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالداپ، سېتىلىپ يامان تەقدىرلەرگە قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدۇق.
دېمەك، خىتايدا بالا سودىسىدىن ئىبارەت بىر خىل تىجارەت شەكلى شەكىللەنگەنلىكىگە ئۇزۇن بولغان ۋە پۈتۈن خىتاينىڭ ھەممە جايلىرىغا قەدەر تارالغان بولۇپ، ھەتتا گۇرۇھ بويىچە بالا تىجارىتى قىلىدىغان جىنايەتچىلەر گۇروھلىرى شەكىللەنگەن.
بالا تىجارەتچىلىرى ھەتتا گۇرۇھ بولۇپ تەشكىللەنمەكتە
ئۆتكەن ھەپتە خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋىرىدىن ئىگە بولۇشىمىزچە، فۇجەندە بىر دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغان قوش كېزەك بالىلارنىڭ رەسمىيىتىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، دوختۇرخانا خادىملىرى بۇ قوش كېزەكلەرنىڭ تۇغۇلغان كۈن ئايلىرى ئوخشاش بولسىمۇ ئەمما تۇغۇلجان جايى، دوختۇرخانا ئىسمىنىڭ ئوخشاش ئەمەسلىكىدەك غەيرى ئەھۋالنى بايقىغان.
مۇناسىۋەتلىك ساقچى تارماقلىرى بۇنىڭدىن گۇمانلىنىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق بۇ ئىككى بالىنىڭ بىر ئانىدىن تۇغۇلمىغانلىقى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ تۇغۇلۇش ئىسپاتلىرى ھەم نوپۇسىنىڭ يالغان ئىكەنلىكى بايقالغان، شۇنداقلا ئۇلار بىر ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بۇنداق يالغان قوشكېزەكتىن يەنە تۆت جۈپنى بايقىغان.
ساقچى تارماقلىرى يەنە بۇنى يىپ ئۇچى قىلىپ ئېنىقلاش ئارقىلىق مەخسۇس يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى ئېلىپ ساتىدىغان ئادەم بېدىكلىرى گۇرۇھى ئۇۋىسىنى تاپقان. ئۇلار يۈننەن، گۇيجۇ، سىچۇئەن، گۇئاڭدۇڭ، خېيلوڭجاڭ قاتارلىق ئالتە ئۆلكىدە 10 يىل جەريانىدا جەمئىي 70 بوۋاقنى ساتقان.
بۇ ئادەم تىجارىتى گۇرۇھىغا ھەتتا بەزى دوختۇرخانا خادىملىرى ھەتتا، نوپۇس ھەم تۇغۇلۇش رەسمىيىتى بېجىرىدىغان ھۆكۈمەت خادىملىرىمۇ چېتىشلىق ئىكەن.
بۇ جىنايەتچىلەرنىڭ ئىقرار قىلىشىچە، ئۇلار نۆۋەتتە جەمىيەتتىكى بەزى كىشىلەرنىڭ بالىسىنى باقالماي سېتىشنى ياكى بىرەرسىگە بېرىۋېتىشنى خالايدىغانلىقى، يەنە بەزى قىز بوۋاق يۈزى كۆرگەن ئائىلىلەر ئوغۇل ئېلىشنى خالايدىغانلىقى، بەزىلىرىنىڭ قوش كېزەك بالا ئېلىشنى ئويلايدىغانلىقىدەك ئىجتىمائىي يۈزلىنىشكە قاراپ بۇ سودىغا كىرىشكەن بولۇپ، ئۇلار بوۋاق بالىلارنىڭ ھەر بىرىنى ئۈچ تۆت مىڭ يۈئەنگە ئېلىپ، 20 مىڭ يۇئەن ئەتراپىدا ساتىدىكەن.
سېتىلغان بالىلارنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە
بۇ گۇرۇھتا بالا ئېلىشقا مەسئۇل، بالىنى ۋاقىتلىق بېقىشقا، يەنە خېرىدار ئىزدەشكە مەسئۇل ئايرىم ئادەملەر بولۇپ، رەسمىي شىركەتنى شەكىللەندۈرگەن. نارسىدە بوۋاقلار بۇلارنىڭ قولىدىكى تاۋار مالغا ئايلانغان. ئۇلار بوۋاقلارنى سېتىۋالغاندىن باشقا، ئالداپ كەلگەنلىرىمۇ بولۇپ دېلو ئېنىقلىنىش جەريانىدا ھەتتا بەزى بوۋاقلارنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن سۈت پاراشوكلىرىنى ئىستىمال قىلىۋالغانلىقى، ۋاقتىدا دوختۇرغا ئېلىپ بېرىلمىغانلىقىغا ئوخشاش سەۋەبلەر بىلەن قاتىللارنىڭ قولىدا جان بەرگەنلىكى مەلۇم بولغان.
خىتايدا ئالداپ كېتىلىۋاتقان ياكى سېتىلغان بالىلار ھەر خىل قاراڭغۇ قىسمەتلەرگە دۇچار بولماقتا. ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، قولدىن قولغا سېتىلغان بالىلارنىڭ بەزىلىرى يېڭى ئائىلىلەرگە كىرسىمۇ، ئەمما بەزىلىرى يەنە جىنايەت گۇرۇھلىرىدا ئوغرىلىققا، يانچۇقچىلىقا سالىدىغان، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلىدىغان جىنايەت قورالىغا ئايلانغان. ئۇلار روھىي، جىسمانىي جەھەتلەردە قاتتىق خورلۇققا ئۇچراپلا قالماي، ھاياتى ئىنتايىن خەتەر ئاستىدا ياشىماقتا ئىكەن.
خىتايدا بالىلارنىڭ سېتىلىشى خىتاي سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك
ئادەم بېدىكلىرىنىڭ قولىدا بالىلارنىڭ تۈرلۈك پاجىئەلەرگە قېلىشى خەلقارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ دېققىتىنى تارقان ئېغىر مەسىلىنىڭ بىرى بولۇپ، مەركىزى نيو-روكتىكى "خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى" نىڭ رەئىسى ليۇ چىڭ مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە مۇنداق دېدى :
"خىتايدىكى بالىلارنى ئېلىپ سېتىش مەسىلىسىنىڭ ئېغىرلاۋاتقانلىقى بىزنىڭ كۆزىتىشىمىز ئاستىدىكى بىر مەسىلە، بالىلارنى تاۋار مالغا ئايلاندۇرۇش كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر دەخلى تەرۇز قىلىش ھەرىكىتى بولۇپلا قالماي بۇ خىتايدىكى ئەڭ چوڭ جەمىيەت مەسىلىسىنىڭ بىرىدۇر. بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ھەمدە پۈتۈن جەمىيەت سىستېمىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان. خىتاي بۇنى يىلتىزىدىن تۈزەيمەن دېسە قانۇن سېستىمىسىنى ھەم سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشىگە توغرا كېلىدۇ، شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا زەربە بېرىدىغان باشقا ئامال تاپالماي كەلمەكتە. گەرچە بالىلارنى ئالداپ سېتىشقا ئوخشاش قىلمىشلار خىتاي قانۇنىدا جىنايەت ھېسابلانسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ ئىجرا قىلىنىشى باشقا قۇنۇنلىرىغا ئوخشاشلا ئاجىز. ئەسلىدە ئادەمنى سېتىشمۇ، ئېلىشمۇ ئوخشاشلا ئېغىر جىنايەت ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جىنايەتنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئوخشاش قاتتىق جازا قوللانماي، بۇ مەسىلىگە يول ئېچىپ بەردى. ئەگەر خىتاينىڭ ھازىرقى سىياسىتى پۈتۈن جەمىيەت تۈزۈلمىسى ئۆزگەرمەيدىكەن بۇنىڭغا ئوخشاش جىنايەتلەر بارغانچە كېڭىيىدۇ".
ليۇچىڭ سۆزىنىڭ داۋامىدا يەنە نۆۋەتتە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىمۇ بالىلارنى ئېلىپ سېتىشنىڭ ئېغىرلاۋاتقانلىقى سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
"خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش مۇستەقىل بولۇش غەرىزى بار مىللەتلەرگە نىسبەتەن، پەقەت خىتاينىڭ بىخەتەرلىكىگە دەخلى قىلمىساڭلا، نېمە قىلساڭ قىل, دېگەندەك قويۇۋەتتى، شۇڭا باشقا جايلاردىمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەر ئېغىرلاپ بارماقتا. بۇنىڭ ھەممىسىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى مەسئۇل بولىشى كېرەك". (گۈلچېھرە)