خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي پائالىيەتلەرگە قاراتقان كونتروللۇقىنى كۈچەيمەكتە
2004.11.03
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر قايسى ۋىلايەت، ناھىيىلەرگە ئالتە ماددىلىق ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، دىنىي پائالىيەتلەرگە بولغان كونتروللۇقىنى كۈچەيتىش ھەققىدە يوليورۇق بەرگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەمىنلىگەن مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنىڭ بىر كۆچۈرۈلمە نۇسخىسىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇقتۇرۇشتا ئالدى بىلەن، دىنىي سورۇنلارغا قاراتقان نازارەتنى كۈچەيتىش، يەنى يىلدا تەكشۈرۈپ تۇرۇش، باھالاش ئېلىپ بېرىش، ئاندىن دىنىي زاتلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قارشى تۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىيلەرگە زەربە بېرىش، تەبىر مەزمۇنلىرىغا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، پەقەت ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن مەزمۇنلاردا تەبىر بېرىش، يېزىلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي سىياسىي تەشۋىقلىرىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارنى بەلگىلىگەن.
دىنىي زاتلارغا بولغان "ۋەتەنپەرۋەرلىك"
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا يەنە، دىنىي زاتلارغا بولغان "ۋەتەنپەرۋەرلىك" تەربىيىسىنى كۈچەيتىشمۇ ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
خىتاي دائىرىلىرىمۇ سەيشەنبە كۈنى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئالتىنچى نۆۋەتلىك سەككىزىنچى ئومۇمىي يىغىنى جەريانىدا دىنىي ئىشلارغا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ھەققىدە ھەر قايسى ۋىلايەت، ناھىيىلەرگە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
رامىزان مەزگىلىدىكى كۈچەيتىلگەن باشقۇرۇش
خىتاي ھۆكۈمىتى چۈشۈرگەن بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ ۋىلايەت - ناھىيىلەردە قانداق ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن خوتەن لوپ ناھىيىلىك دىنىي ئىشلار كومىتېتىغا تېلېفون قىلدۇق. زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلغان بىر مەسئۇل خادىم، ئۆزىنىڭ بۇ ئۇقتۇرۇشتىن ئانچە خەۋەر تېپىپ كەتمىگەنلىكىنى، بىراق مەزكۇر ناھىيىنىڭ ۋىلايەتنىڭ يوليورۇقى بويىچە رامىزان مەزگىلىدە دىنىي ئىشلارغا قاراتقان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ھەققىدە ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى. خوتەن ۋە باشقا جايلاردىكى بىر قىسىم ئاھالىلەرمۇ رامىزان ئېيى جەريانىدا ئۇلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنىڭ تېخىمۇ بەك چەكلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
رامىزان ئېيىدا روزى تۇتۇش، جامائەت خالىغان يەرگە توپلىشىپ ئىبادەت قىلىش، دىنىي تەلىم تەربىيە ئېلىش قاتارلىق پۇقرالارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق دىنىي ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنىڭمۇ بۇنىڭدەك ھەقسىزلارچە دەپسەندە قىلىنىشى كىشىنى تولىمۇ ئېچىندۇرىدىغان بىر ئەھۋال. شۇڭىمۇ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزىۋاتقان دىنىي سىياسەتلىرىنى بىردەك ئەيىبلەپ كەلمەكتە.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي ئەركىنلىكنى باستۇرۇشىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، مۇنداق دەپ بىلدۈردى.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي پائالىيەتلەرنى كونترۇل قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتتى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي زاتلارنى كوممۇنىستىك ئاڭدا تەربىيىلەپ چىقتى
- خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە دىنىي ئەركىنلىكنى بوغىۋاتىدۇ
- خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە 50 كۈنلۈك "قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش" ھەرىكىتىنى باشلىدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج پائالىيىتىنى چەكلىمەكتە
- كانادادىكى ئۇيغۇرلار رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن يىغىلىش ئۆتكۈزدى