0:00 / 0:00
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر خەلقنىڭ دېنى ئېتىقادىنى ئىزچىل ھالدا قاتتىق كونترول قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ھەتتا ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر خىل ئۇسۇلدىكى توسقۇنلىقىغا ئۇچرىماقتا.
يېقىندا ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر تېخنىكوم مەكتەپتىن كەلگەن ئىسمىنى مەلۇم قىلىشنى خالىمىغان بىر ئوقۇتقۇچى ئۆزى ئىشلىگەن مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ دېنى ئېتىقادىنىڭ قانداق كونترول قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە بېشىدىن كەچۈرگەنلىرىنى سۆزلەپ بەردى.