ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دىنىي بېسىم تېخىمۇ كۈچەيمەكتە

0:00 / 0:00

چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۇزۇندىن بىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى بوغۇپ، مىللىي ئۆرپ - ئادەتلىرىنى چەكلەۋاتقانلىقىنى بايان قىلماقتا.

دىننى چەكلەش ئارقىلىق مىللىي ھېسسىياتنى يوقاتماقچى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەمدە ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئىلان قىلغان دوكلاتلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي بېسىمىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى پاكىتلىق ئىسپاتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دىنىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھېسسىياتىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى دەپ قارايدىغانلىقىنى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى چەكلەش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ مىللىي روھىنى ئوزۇقلاندۇرۇۋاتقان ئاساسلىق كۈچ مەنبەسىدىن مەھرۇم قالدۇرۇشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

مەزكۇر تەشكىلات ئۆتكەن ئاي ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىمىنىڭ تېخىمۇ جىددىيلەشكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

ئۆتكەن يىلى 8‏- ئايدا خىتاي، ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتنى زىيارەت قىلغان ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ۋەكىللىرى زىيارەتتىن كېيىن ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركنىلىكىنى باستۇرۇشتا، خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتىنمۇ پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن يىلى 8‏- ئايدا ئاقسۇنىڭ شايار ناھىيىسىدە بالىلارغا قۇرئان ئوقۇتقان 56 ياشتىكى ئامىنە خانىمنى كۆپ ساندىكىسى 7 ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان 37 نەپەر ئوقۇغۇچىسى بىلەن بىرلىكتە تۇتقۇن قىلغانلىقى خەلقئارا كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.

يېقىندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئېلان قىلىنغان دوكلاتتىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي ۋە مىللىي بېسىمى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

ۋەتەندىن كەلگەن ئىنكاسلار

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن رادىئومىزنىڭ ھەقسىز لىنىيىسىگە تېلېفون قىلغان رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىبادەت ئەركىنلىكىنى چەكلەپلا قالماي، يېقىندىن بېرى دىنىي ئۆرپ‏- ئادەت بويىچە كىيىنگەن ئۇيغۇرلارنى جازالاشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى دىنىي ئۆرپ-ئادەت بويىچە كېيىنمەسلىك توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، دىنىي ئۆرپ-ئادەت بويىچە كېيىنگەنلەرنى جەرىمانە تۆلەشكە مەجبۇر قىلغان. ھەمدە ساقال قويغان ئۇيغۇر ئەرلىرىنى ساقاللىرىنى چۈشۈرۈۋىتىشكە زورلاشقا باشلىغان.

ئۇلار، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەت توغرىسىدا، بايانات بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر رەھبەرلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى، پەقەت چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلات ۋەكىللىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. (قانات)