خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى غۇلجا ۋەقەسىنىڭ سەككىز يىللىق خاتىرىسى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى

AbduhelilAb.gif
غۇلجا ۋەقەسىدىكى ئاساسلىق شەخسلەرنىڭ بىرى ئابدۇخېلىل ئابدۇمىجىت 2000-يىلى 15- ئۆكتەبىر تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلدى. << Chongaytip körüng

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى "5 - فىۋرال غۇلجا ۋەقەسىدە ساقچىلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارنى ياد ئېتىش" دىگەن تېمىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇنىڭدىن سەككىز يىل ئاۋال يۈز بەرگەن غۇلجا ۋەقەسىنىڭ خاراكتېرى ۋە جەريانىنى تەپسىلى چۈشەندۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋەدىلىرى گۇمانلىق

ئۇلار باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ غۇلجا ۋەقەسىدىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارمىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ "خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە ئۆتكەن يىلى كىشىلىك ھوقۇقنى ھۆرمەت قىلىش ۋە قوغداشنى ئاساسىي قانۇنىغا كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ غۇلجا ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى، ئۇنىڭ بۇ سەمىمىيىتىگە جىددىي گۇمان تۇغدۇرىدۇ" دەپ كۆرسەتكەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە،1997 - يىلى 2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، خىتاي ساقچى قىسىملىرى غۇلجىغا كۆتۈرۈلگەن تىنچلىق نامايىشىنى ۋەھشىلەرچە باستۇرۇپ، نەچچە ئون ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ۋە ئېغىر يارىلاندۇرغان. يۈزلەپ ھەتتا مىڭلاپ كىشىلەر ئەتىسىدىكى نامايىشتا ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە ياكى ئېغىر يارىلانغان. زور تۈركۈم كىشىلەر نامايىش جەريانىدا ۋە ئۇنىڭدىن كىيىن قولغا ئېلىنغان. نۇرغۇن تۇتقۇنلار خىتاي تۈرمىسىدە قىيىن قىستاققا ئېلىنىپ، ئاز دېگەندە ئىككى كىشى بۇ سەۋەبتىن تۈرمىدە ئۆلگەن. غۇلجا ۋەقەسى بىلەن تۇتۇلۇپ، ھازىرغىچە تۈرمىدە يېتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ سانى تېخىچە مەلۇم ئەمەس ئىكەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى يەنە غۇلجا ۋەقەسىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن. ئۇلار مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئۆتكەنكى سەككىز يىلدىن بويان ۋەقەنىڭ شاھىدلىرىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسەن، 5 - فىۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ خاراكتېرى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئوخشاش بولمىغان چۈشەنچىگە ئىگە بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

غۇلجا ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبلىرى

نۇرغۇن تۇتقۇنلار خىتاي تۈرمىسىدە قىيىن قىستاققا ئېلىنىپ، ئاز دېگەندە ئىككى كىشى بۇ سەۋەبتىن تۈرمىدە ئۆلگەن.

باياناتتا ئېيتىلىشىچە، 5 - فىۋرال غۇلجا ۋەقەسى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيىتىگە بولغان باستۇرۇشنىڭ كۈچىيىشىدىن يۈز بەرگەن. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غۇلجا ياشلىرىنىڭ جەمئىيەتتىكى يامان ئىللەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تەشكىللىگەن مەشرەپ پائالىيىتىنى چەكلىشى ۋە شۇنداقلا غۇلجىدىكى يەرلىك جامائەتنىڭ باشچىلىقىدا تەشكىللەنگەن پۇتبول كوماندىسىنى تاقىۋېتىشى خەلق نارازىلىقىنى قوزغىغان. بۇنىڭدىن سىرت، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە 1996 - يىلىدىكى "قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى" جەريانىدا نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى "بۆلگۈنچى، تېررورچى ۋە دىنىي رادىكال" دېگەن ناملار بىلەن قولغا ئالغان، بۇنىڭ ئىچىدە مەشرەپنىڭ يېتەكچىلىرى، تالىپلار ۋە ئىماملار بار ئىكەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى غۇلجىدىكى بۇ ۋەزىيەتنىڭ 5 - فىۋرال غۇلجا ۋەقەسىگە سەۋەبچى بولغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

غۇلجا ۋەقەسىنىڭ جەريانلىرى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ۋەقەنىڭ شاھىدلىرى تەمىنلىگەن مەلۇماتلارنى نەقىل كەلتۈرىشىچە، 1997 - يىلى 2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئەتىگەن نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرى ، ئاياللار ۋە بالىلار غۇلجا كوچىلىرىغا چىقىپ، دىنىي شوئارلارنى توۋلىغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارغا ئادىل مۇئامىلە قىلىشنى تەلەپ قىلغان. بىراق، خىتاي ئامانلىق ساقلاش قىسىملىرى ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسۇپ، نامايىشنى چەكلىگەن. بەزى مەلۇماتلاردا ساقچىلارنىڭ نامايىشچىلارغا قارىتىپ ئوق چىقىرىپ، بىر قانچە كىشىنى يارىلاندۇرغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. ساقچىلار ئاندىن نامايىشچىلارنى قورشاۋغا ئېلىپ، ئۇلارنى كۇزۇپلۇق ماشىنىلارغا بېسىپ، غۇلجا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى يەنى يېڭى ھايات تۈرمىسىگە ئېلىپ كەلگەن.

كۇزۇپلۇق ماشىنىلار تۈرمىگە كەلگەندە، ساقچىلار ئادەملەرنى ئىتتىرىپ چۈشۈرۈپ، بەزىلىرىنىڭ پۇتى، بەزىلىرىنىڭ قولىنى يارىلاندۇردى. مەن بىر ئايالنىڭ بىر قۇلىقىنىڭ يۇلىۋېتىلگەنلىكىنى كۆردۈم

بىر شاھىتنىڭ خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىغا بىلدۈرۈشىچە، كۇزۇپلۇق ماشىنىلاردا ئادەملەر شۇنچىلىك كۆپ قاچىلانغانكى، ئادەملەر ئۈستى- ئۈستىگە باستۇرۇپ ئېلىپ مېڭىلغان. بۇ شاھىت "كۇزۇپلۇق ماشىنىلار تۈرمىگە كەلگەندە، ساقچىلار ئادەملەرنى ئىتتىرىپ چۈشۈرۈپ، بەزىلىرىنىڭ پۇتى، بەزىلىرىنىڭ قولىنى يارىلاندۇردى. مەن بىر ئايالنىڭ بىر قۇلىقىنىڭ يۇلىۋېتىلگەنلىكىنى كۆردۈم" دېگەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 5 - فىۋرال كۈنى چۈشتىن كىيىن، تۇتۇلغانلارنىڭ ئۇرۇق- تۇققانلىرى، ۋە دوستلىرى قايتا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن تۇتۇلغان قېرىنداشلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. بەزى نامايىشچىلار ساقچىلارغا قارىتىپ تاش ئاتقان. ساقچىلار بولسا، نامايىشچىلارنى كالتەكلەر بىلەن ئۇرۇپ، ئۇلارغا قارىتىپ ياش ئاققۇزۇش بومبىلىرىنى ئاتقان. بۇ جەرياندا، يۈزدەك ئادەم يارىلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بالىلارمۇ بار ئىكەن.

خىتاي ساقچىلىرى بۇ نامايىشچىلارنىمۇ قولغا ئېلىپ، ئۇلارنى ئېلى ۋىلايىتىدىكى باشقا تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىغا ئېلىپ كەتكەن. بۇ مەزگىلدە، ئېلى ۋىلايىتىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرى ئادەملەر بىلەن لىق تولغان بولۇپ، بەزى 10 كىشىلىك كامىرلارغا 40 ، 50 ئادەم سولانغان. ساقچىلار نامايىشچىلارنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا قاتتىق ئۇرغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باياناتىدا مىسالغا ئېلىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى يەنە بىر ئوچۇقچىلىق مەيداندا 5 - فىۋرال كۈنى قولغا ئېلىنغان ئۈچ - تۆت يۈز ئەتراپىدىكى نامايىشچىلارغا سوغۇق سۇ پۈركىگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە بالىلار ۋە ئاياللارمۇ بار بولۇپ، ئۇلار ئىككىنچى ئايدىكى قەھرىتان قىشتا ئىككى سائەتتەك سىرتتا تۇرغۇزۇلغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 5 - فىۋرال ۋە ئەتىسىدىكى نامايىشتا ئۆلگەن ئادەمنىڭ سانىنىڭ ھازىرغىچە نامەلۇم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى غۇلجا ۋەقەسىنىڭ خاراكتېرىنى باشقىچە چۈشەندۈرمەكتە

خىتاي ھۆكۈمىتى 2002 - يىلى يانۋاردىكى "خەلق كۈندىلىك گېزىتى" دە غۇلجا ۋەقەسىنى "تېررورچىلىق پائالىيەت" دەپ كۆرسەتكەن ۋە بۇ ھەرىكەتنىڭ "شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى" تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار 2003 - يىلى فېۋرالدا، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئىسمايىل تىلىۋالدىغا خەت يېزىپ، غۇلجا ۋەقەسىنى "شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى" تەشكىلاتى بىلەن چېتىشتا قانداق ئاساسىي بارلىقىنى سورىغان. شۇنداقلا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن غۇلجا ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈرمىگە ئېلىنغانلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاشنى، ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن يۈز بەرگەن ئادەم ئۆلتۈرۈش، قىيىن- قىستاققا ئېلىش ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ئۈستىدىن مۇستەقىل ھالدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە بۇنىڭغا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى غۇلجا ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ سەككىز يىللىق خاتىرىسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان دوكلاتىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار، يارىلانغانلار ۋە ھازىرغىچە تۈرمىدە يېتىۋاتقانلارنىڭ مەسىلىسىنى توغرا، ئوچۇق ۋە ئادىل بىر تەرەپ قىلىشقا چاقىرغان. (ئارزۇ)