ئامېرىكا قوشۇنلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، كۇبانىڭ گۈەنتانامو تۈرمىسىگە سولانغان ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىدىن 5 نەپىرى ئەركىنلىككە چىققان بولسىمۇ، مەزكۈر تۈرمىدە يەنە 17 نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇس 6 يىلدىن بۇيان يەنىلا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. يېقىندا 17 نەپەر مەھبۇس ئىچىدىكى ئابدۇغاپپار تۈركىستانى، ئۆزلىرىنىڭ تۈرمىدىن قۇتۇلۇپ چىقىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان ئىككى نەپەر ئادۋوكاتىغا مەكتۈپ يوللاپ، ئۆزلىرىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ۋە تېزراق تۈرمىدىن چىقىپ كېتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئابدۇغاپپار تۈركىستاننىڭ ئادۋوكاتلىرىغا يازغان خېتى نۆۋەتتە ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىپ كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى.
گۇئانتانامو تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر مەھبۇسنىڭ ئاۋازى تۇنجى قېتىم دۇنياغا خىتاب قىلىندى
بۇنىڭدىن 6 يىل ئىلگىرى ئامېرىكا قوشۇنلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان 22 نەپەر ئۇيغۇردىن 5 نەپىرى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىپ، 2006 - يىلى ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. قالغان 17 نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇس ھازىر يەنىلا تۈرمىدە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئابدۇغاپپار تۈركىستانى ئۆز ئادۋوكاتلىرىدىن Wells. Dixon ئەپەندى ۋە Sima Seyifi خانىمغا مەكتۈپ يوللاپ، تېزراق تۈرمىدىن قۇتۇلۇپ چىقىش ئۈمىدىنى ئىپادىلىدى.
ئابدۇغاپپار تۈركىستاننىڭ مەكتۇپى يالغۇز ئادۋوكاتلارغا يوللىنىپلا قالماي، نۆۋەتتە ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق مەتبۇئات ۋاستىلىرىدا ئېنگلىز تىلىدا ئېلان قىلىنىپ، كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىماقتا.
خېتىدە، ئۆزلىرىنىڭ تۇتۇلۇش جەريانىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، 2004 - ۋە 2005 - يىللىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن گۇناھسىز دەپ ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ 6 يىلدىن بۇيان يەنىلا تۈرمە ئىچىگە قامالغانلىقىدىن شىكايەت قىلغان ئابدۇغاپپار، ئۆزى ۋە بىر قىسىم سەبداشلىرىنىڭ ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى ئافغانىستانغا بېرىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ": جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان زۇلىمى ۋە بىز ئۇيغۇر ياشلىرىنى ھەر خىل باھانىلەر بىلەن تۈرمىلەرگە تاشلاشلىرىدىن شۇنىڭدەك ھەر خىل بۆھتانلار بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنى بولۇپمۇ ياشلارنى ناھەق قىرغىن قىلىشلىرى سەۋەبىدىن يول تاپالمىغان نۇرغۇن ياشلار چەتئەللەرگە پاناھلىق ئىزلەپ چىقىپ كېتىۋاتماقتا. ئافغانىستان ۋە پاكىستاندا تۇتۇلۇپ قالغان ئۇيغۇر ياشلارمۇ ئەنە شۇلاردەك ۋەتىنىمىزگە چېگرىداش مۇستەقىل دۆلەتلەرگە چىقىشقا مەجبۇر بولغان. جۈملىدىن بىزمۇ ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى ئافغانىستانغا كەلگەن ئىدۇق. بىزنىڭ ئافغانىستانغا كېلىشىمىزگە، ئامېرىكا ئارمىيىسى ئافغانىستانغا ھۇجۇم قىلىپ كىردى. بىزگە ئافغانىستاندا تۇرىدىغان جاي قالمىغاندىن كېيىن، بىز ھېچكىمنى تونىمىغاچقا ئامالسىز پاكىستانغا باردۇق. پاكىستان خەلقى بىزنى تۇتۇۋېلىپ پاكىستان ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بەردى، پاكىستان ئارمىيىسى بىزنى ئامېرىكا ئارمىيىسىگە تاپشۇرۇپ بەردى، ئامېرىكا ئارمىيىسى بىزنى گۈەنتانامو تۈرمىسىگە ئېلىپ كەلدى، پاكىستان ھۆكۈمىتى بىزنى ئامېرىكا تەرەپكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەندە بىز خۇشال بولغان ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى بىزگە ھېسداشلىق قىلىدۇ ۋە ياردەم بېرىدۇ دەپ ئۈمىد كۈتكەن ئىدۇق. گەرچە بىر گۇناھسىز دەپ ئېلان قىلىنغان بولساقمۇ، يەنىلا 6 يىل بولدى تۈرمىدە يېتىۋاتىمىز، تۈرمىدە نېمە ئۈچۈن يېتىۋاتقانلىقىمىزنى بىلمەيمىز، ئەمما بىز يەنىلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىزنى تېزراق تۈرمىدىن چىقىرىپ ياخشى جايغا ئورۇنلاشتۇرسىكەن دېگەن ئۈمىدتىمىز."
ئابدۇغاپپار خېتىدە يەنە، ۋەتىنىدىن، ئائىلىسىدىن ئايرىلغان ئىنساننىڭ، سىرتقى دۇنيادىن پۈتۈنلەي ئالاقىسى ئۈزۈلگەن، ئىسسىق كۈن نۇرى ۋە تەبىئى ھاۋادىن مەھرۇم بولغان 4 ئەتراپى قامالغان تۆمۈر قەپەز ئىچىدە ياشىشىنىڭ ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز بىر ئازاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، سەبدىشى ئابدۇرازاقنىڭ ئاچلىق ئېلان قىلىپ نارازىلىق بىلدۈرۈشى نەتىجىسىدە، ئۇنىڭ مەجبۇرىي ئوزۇقلاندۇرۇش جازاسىغا تارتىلىۋاتقانلىقى بۇنىڭ بىلەن سالامەتلىكىنىڭ كۈندىن - كۈنگە ناچارلىشىپ كېتىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ ئابدۇرازاقنىڭ روھىي بېسىم ئاستىدا يامان ئاقىۋەتكە دۇچ كېلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى، ئۆزىنىڭمۇ ئېغىر رېماتىزىم كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى ۋە ئاخىرىدا ئادۋوكاتلار ۋە قانۇن ئورگانلىرىنىڭ بۇ مەسىلىنى تېزراق بىر تەرەپ قىلىشىنى ئۆتۈنۈپ سورىغانلىقى بايان قىلىنغان.
ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئادۋۇكاتى ئۇلارنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشى ئۈچۈن ھەرگىز بوشاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئابدۇغاپپارنىڭ خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ئادۋوكات Wells Dixon ،Sima Seyifi ۋە باشقا ئادۋوكاتلار، مەزكۈر مەكتۈپ ئارقىلىق گۈەنتانامو تۈرمىسىدىكى ۋەزىيەتنىڭ نەقەدەر ئېغىر ئىكەنلىكىنى ۋە گۇناھسىز ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى تېزراق قۇتۇلدۇرۇپ چىقىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر خىزمەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
ئادۋوكات Wells Dixon ئەپەندى، ئابدۇغاپپارنىڭ دۇنياغا ئېلان قىلغان مەكتۇبىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتلىك بىر مەكتۇپ، چۈنكى بۇ مەكتۇپ گۈەنتانامو تۈرمىسىدىكى بىر مەھبۇسنىڭ بىرىنچى قول مەلۇماتى ھېسابلىنىدۇ. گەرچە بۇ مەھبۇس بىر قانچە يىل ئىلگىرى قويۇپ بېرىلىشى كېرەك دەپ ئاقلانغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغا قەدەر شارائىتى ئىنتايىن ناچار بولغان، ئامېرىكىنىڭ گۈەنتانامو تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ."
ئادۋوكات Dixon ئەپەندى، ئۆزىنىڭ گۇناھسىز ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى تۈرمىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىققانغا قەدەر ھەرگىز بوشاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ يەنە مۇنداق دەيدۇ : " شۇنى ئېنىق ئېيتالايمەنكى، مەن ئادۋوكات بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۇلارنى گۈەنتانامو تۈرمىسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن قولۇمدىن كېلىشىچە خىزمەت قىلىمەن. ھەممىگە مەلۇم بولغاندەك ۋە مەن تەكىتلەپ ئۆتكەندەك، ئۇلار گۇناھسىز، ئەمما ئۇلار ھازىرغا قەدەر ئامېرىكىنىڭ شارائىتى ناچار ھەربىي تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. ئۇلارنى گۈەنتانامو تۈرمىسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىشىدىكى بىردىن - بىر ئامال، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۇلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا قوشۇلۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش."
ئا ئۇ ب نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى روشەن ئابباس خانىم ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى
گۈەنتانامو تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئامېرىكا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە ۋە ئادۋوكاتلارغا يەتكۈزۈشتە، ئىزچىل تۈردە تەرجىمانلىق خىزمىتىنى ئىشلەپ كېلىۋاتقان، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى روشەن خانىم، ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىدۇ.
روشەن خانىم سۆزىدە يەنە":مەزكۈر خەتنىڭ ئامېرىكىدىكى تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك بولغان ئاخبارات ئورگانلىرىدىن MSNBC، مەيئامى ئالدىن خەۋەر كۈندىلىك گېزىتى ۋە باشقا قانۇنىي گېزىت - ژۇرناللار، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋەر تورى، ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو - تېلېۋىزىيە شىركىتى، ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى، ئەلجەزىرە گېزىتى، گۈەنتانامو كۆچمەنلىرى خەۋەر تورى قاتارلىق نۇرغۇن مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغانلىقىنى ۋە بۇ خەتنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا ھۆكۈمەت ۋە ھەربىي تەرەپنىڭ يول قويۇشى، 6 يىلدىن بېرى تۇنجى قېتىم گۈەنتانامودىكى بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆز قولى بىلەن يازغان خەتتە ئاۋازىنى سىرتقا خىتاپ قىلىشى ھېسابلىنىدۇ " دېدى. (ئەقىدە)