مەجبۇرىي ھاشار پەيزىۋات ناھىيىسىدىكى دېھقانلارنى تەس كۈنگە قويدى


2005.04.29

بىزگە تېلېفون قىلغان ئۇيغۇرلار، بۇ يەردىكى ھاشار ئەمگىكىنىڭ دېھقانلارغا ئېغىر قىيىنچىلىقلارنى تۇغدۇرىۋاتقانلىقىنى ھەمدە بۇنىڭغا نۇرغۇن دېھقانلارنىڭ نارازى بولىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، بۇ ئەھۋالنى بىزنىڭ پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلىتىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ھاشارغا ئېلىپ چىقىش ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر بولىۋاتقان پەيزىۋات ناھىيىسىنىڭ مەلۇم يېزىسىدىكى دېھقانلارنىڭ ئۆيىگە تېلېفون قىلدۇق.

دېگەندەك تېلېفونىمىز ئۇلانغانلارنىڭ ھەممىسى ھەقىقەتەن بۇ يەردە ھاشار مەزگىلى باشلىنىپ كەتكەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. ئۇلارنىڭ بىلدۈرىشىچە، دېھقانلار ھازىر ھاشارغا مەجبۇرىي ئاساستا ئېلىپ چىقىلىدىكەن. ئەگەر چىقمايدىغانلار بولسا، ھۆكۈمەت ئۇلارنى يەنىلا پۇل تۆلىتىش ئۇسۇلى بىلەن جازالايدىكەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز، پەيزىۋات ناھىيىسىنىڭ مەلۇم بىر يېزىسىدىكى بىر ئۇيغۇر دېھقان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ بىزگە بۇ يەردىكى ھاشار-سېلىقلارنىڭ دېھقانلارنى تەس كۈنگە قويىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە يەنە، رەھبەر كادىرلار بەزىدە ھەتتا ھاشارغا چىقمىغانلارنى ئۇرۇپمۇ سالىدىكەن.

كادىرلار ھەتتا ھاشارغا كېچىكىپ قالغان دېھقانلارنى ئۇرىدىكەن

بىز يەنە بۇ رايونغا داۋاملىق تېلېفون قىلغىنىمىزدا، تېلېفونىمىز ئۇلانغان بىر دېھقان ئايال، يولدىشى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ 9 بالىسى بىلەن قالغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ بىر ئوغلى ھاشارغا چىقىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، پۈتۈن ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنىڭ ئۆزىگە يالغۇز قالغانلىقىنى ئېيتتى.

بىز يەنە بۇ يەردىكى يەنە بىر 70 ياشلىق ئۇيغۇر دېھقان بىلەن سۆھبەتلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇق. ئۇ بىزگە، نۆۋەتتىكى ھاشار ئەمگىكىدىن بەكرەك ھەر يىلى كۈزدە دېھقانلارنى مەجبۇرىي بىڭتۇئەن كېۋەزلىكلىرىگە ئېلىپ بېرىپ پاختا تەرگۈزىدىغان ئەھۋالنىڭ، دېھقانلارغا ھەممىدىن تەس كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، كېۋەز تېرىش ئەمگىكى ئىنتايىن جاپالىق بولغاچقا ھېچقايسى دېھقاننىڭ ئۇ يەرگە بېرىشكە رايى بولمايدىكەن، ھەتتا 40-50 كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ ھاشار مەزگىلىدىكى بارلىق يىمەك-ئىچمەككە دېھقانلار ئۆزى پۇل چىقىرىدىكەن.

70 ياشلىق بۇ بوۋاي سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ئۆزىنىڭ ئېسىنى بىلسە، بۇ يەردە ھاشار بارلىقىنى، گەرچە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئىلگىرى "شىنجاڭنى ئازاد قىلىمىز" دەپ بۇ يەرگە كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ يەردىكى ھاشار-سېلىقلارنىڭ ھېچقانچە يەڭگىللىمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ۋىلايەتكە بۇ ھەقتە ئەرز سۇنۇپ بارغان دېھقانلار ھەتتا سولاپ قويۇلغان

بىز يەنە پەيزىۋات ناھىيىسىنىڭ مەلۇم بىر يېزىسىدىكى ئۇيغۇر كادىرنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭدىن بۇ يەردىكى ھاشار ئەھۋالىنى سۈرۈشتۇردۇق. ئۇ رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دېھقانلارنىڭ ھاشارغا چىقماي ئامالى يوقلىغىنى، چۈنكى ھۆكۈمەتنىڭ ھاشارغا چىقىشتىن ئۆزىنى تارتقانلارنى يەنىلا پۇل تۆلىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز دېھقانلارنىڭ زارىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇ ھەقتە يەنە پەيزىۋات ناھىيىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى بىلەن ئالاقلىشىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، ئەمما ۋاقىت پەرقى تۈپەيلىدىن ئۇلار بىلەن سۆزلىشەلمەي قالدۇق. بىز يەنە بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى ئىگىلەشكە داۋاملىق تىرىشىمىز. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.