دېھقانلار نېمە كويدا، ئەمەلدارلار نېمە كويدا؟

0:00 / 0:00

بىز ئالدىنقى ئاڭلىتىشىمىزدا، بىڭتۇئەننىڭ كېۋەزلىكلىرىگە مەجبۇرىي پاختا تېرىشقا ئېلىپ كېتىلگەن بىر ئۇيغۇر دېھقاننىڭ ئەمدىلا قايتىپ كېلىپ 3-4 كۈن بولا- بولمايلا يەنە ھاشارغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدۇق. ئىگىلىشىمىزچە، بۇ ئەھۋال ئاساسىي جەھەتتىن پەيزىۋاتنىڭ ھەر قايسى يېزا-كەنتلىرىدە بار ئىكەن.

بىز دېھقانلارنىڭ زارىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ كۆز قارىشىنى قايتا ئېلىش ئۈچۈن ھەر قايسى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىلىرىغا تېلېفون قىلىپ، ئەھۋال ئىگىلىدۇق. ئۇلارنىڭ نېمە كويدا يۈرگەنلىكىنى مۇخبىرىمىز پەرىدەنىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتىدىن ئاڭلاڭ.