ئۇيغۇر ئېلىدە ھاشار توختىماي داۋاملاشماقتا


2007.03.01

ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە دﯤهقانلار زىممىسىدىكى ھاشار ئەمگىكىنى 2005 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە پۈتۈنلەي بىكار قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئەمما ئۇيغۇر دﯤهھقانلىرىدىن رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلار ھەمدە يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بەزى يېزىلىرىغا قاراتقان تېلېفون زىيارەتلىرىمىزدىن، قەشقەر، خوتەن ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا بولۇپمۇ نامرات ئۇيغۇر يېزىلىرىدا ھاشاردىن ئىبارەت مەجبۇرى تۈس ئالغان ھەقسىز ئەمگەكنىڭ ئېغىر دەرىجىدە يەنىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكى مەلۇم.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يەر ئىسلاھاتى ئېلىپ بارغاندىن بۇيان، نەچچە ئون يىلدىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بىكارغا ئىشلىتىش، ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ زىممىسىدىكى يۈكىنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىپ كەلگەن. بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامدا دېھقانلار ئېغىر ئەمگەككە مەجبۇرى ھەقسىز تۇتۇلغاندىن باشقا يەنە ھاشارنى تۈگىتەلمىسە ئېغىر ئىقتىسادى جەرىمانىگە ئۇچرىماقتا.

يېقىندىلا قەشقەرنىڭ ھۆكۈمەت تور بېتىدىن ئاشكارىلانغان، پوسكام ناھىيىسىدە يەنە 2800 دېھقاننىڭ ھاشارغا تۇتۇلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرگە ئاساسەن قەشقەر يېزىلىرىغا قارىتا تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ بارغىنىمىزدا ئۇيغۇر ئېلىدە مەجبۇرى ھهئاشارنىڭ بىر كۈنمۇ توختىمىغان ھالدا داۋاملىشىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

بىز بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى يەنى 2005 - يىلى 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى دېھقانلارنىڭ ھاشارغا قارىتا نارازىلىق پىكىرلىرىغا ئاساسەن، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئەمگەكچىلەر نازارىتىنىڭ پارتكوم ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، بىر كادىر ھاشار ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا جاۋابەن: "ئىلگىرى بار ئىدى، ئاساسەن يېزىلاردا، چۈنكى ئۇيغۇر ئېلىدە بوز يەر ئېچىش شامىلى بىلەن بۇ خىل ئەمگەك بار ئىدى، دﯤهدېھقانلارنىمۇ بۇ ھەقتە پىكىرلىرى بولغاچقا، بىز يېزىمۇ- يېزا، كەنتمۇ -كەنت مەخسۇس تەكشۈرۈپ، بىر تەرەپ قىلىپ تۈگىتىۋاتىمىز يەنە تەكشۈرىۋاتىمىز، ئاساسەن ھازىر ھاشار قالمىدى، دﯤهھقانلارنىڭ تۇرمۇشى بارغانچە ياخشىلىنىپ ئاڭ سەۋېيىسىمۇ ئۆستى " دېگەن ئىدى.

بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەدىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.