ھەج قىلىش ئۈچۈن پاكىستانغا چىققان ھەج كاندىداتلىرى ئېچىنىشلىق ئەھۋاللارغا دۇچ كەلمەكتە
-
2006-12-13 -
-
-
Your browser doesn’t support HTML5 audio
خىتاي دائىرىلىرى ئىزچىل تۈردە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى قاتتىق كونترول قىلىپ كەلمەكتە. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى تەنقىتلەپ، پۇقرالارغا دىنىي ئەركىنلىك بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ ھېچقاچان دىنىي ئەركىنلىككە توسقۇنلۇق قىلمىغانلىقىنى، ئەكسىچە پۇقرالارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە كەڭ ئىمكانلار يارىتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.
ئەسلىدە ئىمكانىيىتى يار بەرگەن ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان، ھەج قىلىش ئارزۇسىنى توسالغۇسىز ئەركىن - ئازادە ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەك ئىدى، بىراق خىتاي دائىرىلىرى ھەر يىلى ناھايىتى ئاز ساندىكى بىر قىسىم ئادەملەرنىڭ ھەج قىلىشىغا يول قويۇپ، قالغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھەج قىلىش ئارزۇسىغا توسقۇنلۇق قىلماقتا.
بۇ ھەقتە، مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ پاكىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئابدۇقەييۇم ئەپەندى ۋە ھەج قىلىش مەقسىتىدە پاكىستانغا كېلىپ، نۇرغۇن كۈلپەتلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەن ھەج كاندىداتلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن ئاڭلاڭ.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار ھەج قىلىش ئۈچۈن تەييارلانماقتا
- ئۇيغۇرلار پاكىستاندىكى سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى
- ئۇيغۇر ھاجى نامزاتلىرى قاتتىق بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە
- ئۇيغۇرلار رامىزان ئېيىنى قانداق ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ؟
- ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى نۇقتىلىق تىلغا ئېلىندى