قاش تېشى سودىگىرى مۇتەللىپ ھاجىم خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۈرمىدە قىيناپ ئۆلتۈرۈلدى


2008.03.28

2008 - يىلى 3 - مارت كۈنى خىتاي ساقچىلىرى كۆزگە كۆرۈنگەن مەشھۇر قاشتېشى سودىگىرى مۇتەللىپ ھاجىمنىڭ جەسىتىنى مەخپىي ھالدا سىرتتىن ھېچكىمگە كۆرمەسلىك شەرتى بىلەن ئائىلىسىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن. خىتاي ساقچىلىرى مۇتەللىپ ھاجىمنى 2 ئاي ئىلگىرى كېچىدە ئۆيىگە بېسىپ كىرىپ تۇتۇپ كەتكەن بولۇپ، ئورنى قارقاش ناھىيىسىدە بولغان ئۇيغۇر دىيارى مىقياسىدا 2 ئورۇندا تۇرىدىغان سۇ تۈرمىسىگە قاماپ قاتتىق قىينىغان، ئىككى ئايدىن كېيىن خىتاي ساقچىلىرى مۇتەللىپ ھاجىمنى خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كېلىپ ئون كۈن ئەتراپىدا داۋالىغان بولسىمۇ داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن. دوختۇرخانىدا داۋالاش جەريانىدا ئائىلىسىگىمۇ كۆرسەتمىگەن.

مەرھۇمنىڭ ئىككى ئايالىدىن 8 بالىسى بار ئىكەن

مەرھۇم مۇتەللىپ ھاجىم لوپ ناھىيىسىنىڭ يورۇڭقاش يېزىسىدا 1970 ‏ - يىلى تۇغۇلغان بولۇپ ئۇ بۇ يىل 38 ياشقا كىرگەن ئىكەن. خوتەندە قاشتېشى سودىگەرچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كۆزگە كۆرۈنەرلىك تىجارەتچىلەردىن بىرى بولۇپ مەرھۇمنىڭ بايلىقى 80 مىليون يۈەندىن ئاشىدىكەن. بىر قېتىم خىتاي جاللاتلىرى ئۇنىڭ ئۆيىگە تۇيۇقسىز بېسىپ كىرىپ 20 كىلوگرام ئالتۇن، ھەمدە ئون مىليون يۇەندىن كۆپ نەق پۇلنى مۇسادىرە قىلغان.

بىز بۇ ھەقتە ئىشەنچىلىك مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن خوتەندىن بەزى ياشلار بىلەن ئالاقىلاشتۇق، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان مۇتەللىپ ھاجىمنىڭ يېقىن دوستلىرىنىڭ بىرسىنىڭ دەپ بېرىشىچە مۇتەللىپ ھاجىمنى تۇتقۇن قىلىشنىڭ سەۋەبنى مۇنداق بولغان.

خوتەن شەھەرلىك خىتاي ساقچىلىرى مۇتەللىپ ھاجىمغا، تۈرمىدە يېتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئائىلە ‏ - تاۋاباتىغا ئىقتىسادى ياردەم قىلغان، دىنى دەرس ئوقۇتىدىغان مەخپىي مەدرىسىلەرگە ياردەم قىلغان. ئۆيىدە قۇرئان كەرىم قاتارلىق دىنى كىتابلار ساقلىغان، مەخپىي دىنى مەكتەپ ئېچىپ دەرس ئۆگىتىش سەۋەبىدىن 2002 ‏ - يىلدىن بىرى تۈرمىدە يېتىۋاتقان 73 ياشلىق ئابلەت مەخسۇم ھاجىمنى پۇل تۆلەپ تۈرمىدىن قۇتۇلدۇرۇشقا ئۇرۇنغان دېگەندەك جىنايەتلەرنى ئارتقان.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مۇتەللىپ ھاجىم 8 ئوغۇلنىڭ دادىسى بولغانلىقى ئۈچۈن پىلانلىق تۇغۇت قانۇنىغا بويسۇنمىغان دېگەندەك جىنايەتلەرنى ئارتىپ 2008 ‏ - يىلى 1 ‏ - ئايدا قولغا ئالغان. 2 ئاي ئۆتمىگەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سۇ تۈرمىسىدە قىشنىڭ قەھرىتان سوغۇقىدا چۆكۈپ كەتمىگىدەك ھالەتتە سۇدا قويۇپ قاتتىق قىينىغان نەتىجىدە مۇتەللىپ ھاجىم قىيىن ‏ - قىستاقلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي ئۆلۈپ كەتكەن.

مۇتەللىپ ھاجى 2003 ‏ - يىلى تۆھمەت بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ 4 يىل تۈرمىدە ياتقان

بىز بۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى ياخشى بىلىدىغان. ھەمدە مەرھۇم مۇتەللىپ ھاجىمنىڭ يېقىنلىرىدىن بىرى بولغان مەتنىياز ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. مەتنىياز ئەپەندى مۇتەللىپ ھاجىم ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: مەرھۇم مۇتەللىپ ھاجىمنىڭ بۇ 2 قېتىم تۇتقۇن قىلىنىشى بولۇپ بىرىنچى قېتىم 2003 يىلى تۇتقۇن قىلىنغان، تۆھمەت بىلەن ناھەق جازالىنىپ خىتاي تۈرمىسىدە 4 يىل ياتقان . بىرىنچى قېتىم تۈرمىدە يېتىشنىڭ سەۋەبى مۇنداق بولغان، خوتەن شەھەرلىك خىتاي باشلىقلىرىدىن بىرى مۇتەللىپ ھاجىمنىڭ قولىدا بار بولغان بىر مىليوندىن ئارتۇق قىممەتكە ئىگە بىر قاشتېشىغا خېرىدار بولۇپ بازار باھاسىدىن %50 دىنمۇ تۆۋەن باھاغا سوراپ سېتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ مۇتەللىپ ھاجىم بازار باھاسىدىن تۆۋەن ساتمايدىغانلىقىنى، باشلىقلىق بىلەن تىجارەت كەسپىنىڭ ئالاقىسى يوقلىقىنى شۇنىڭ ئۈچۈن قاشتېشىنى بازار باھاسى بويىچە ساتىدىغانلىقىنى، بازار باھاسىدىن تۆۋەن ساتمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن خىتاي باشلىقنىڭ غالچىسى مۇتەللىپ ھاجىمغا ، تاشنى بىزگە بىز تەلەپ قىلغان باھاغا سېتىپ بەرمىسەڭ ئېغىر بەدەل تۆلەيسەن دەپ تەھدىت سېلىپ قويۇپ چىقىپ كەتكەن.

ئەتىسىلا خىتاي ساقچىلىرى مۇتەللىپ ھاجىمنىڭ ئۆيىگە قوراللىق بېسىپ كىرىپ تۇتقۇن قىلغاندىن كېيىن قويۇپ بەرمەستىن 4 يىل تۈرمىگە سولاپ قىيىن قىستاققا ئالغان بولسىمۇ، ئۇ قاراڭغۇ تۈرمىدە خىتايلارغا باش ئەگمەستىن قىيىن قىستاقلارغا بەرداشلىق بېرىپ ئۆزىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى، خىتاي باشلىققا جان كەتسىمۇ قاشتېشىنى ئەرزان باھادا ساتمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ چىڭ تۇرغاننىڭ ئۈستىگە تۈرمىدە خىتايلارنىڭ تۈزۈمى بويىچە ناماز ئوقۇشقا رۇخسەت قىلماسلىق پرىنسىپىغا باش ئەگمەستىن 5 ۋاقىت نامىزىنى ئوقۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ تۈرمە گۇندىپايلىرى ئۇنى ئۇرۇپ، باغلاپ ھەرخىل قىيىن قىستاق چارىلەرنى قوللانغان بولسىمۇ ناماز ئوقۇشتىن توختىتالمىغاندىن كېيىن ئىقتىسادى جازالاش ئۈچۈن ھەر بىر ۋاقىت ناماز ئوقۇشى ئۈچۈن خىتاي پۇلى بويىچە 30 يۈەن جەرىمانە قويغان بولسىمۇ ئۇ يەنىلا ناماز ئوقۇشنى توختاتماي داۋام قىلغان. ئۇ تۇرمىدى يېتىش جەريانىدا ھەر كۈنلۈكى 5 ۋاقىت ناماز ئۈچۈن 150 يۈەندىن 4 يىللىقى ئۈچۈن ھېسابلاپ جەرىمانە تۆلىگەن.

مۇتەللىپ ھاجىمنىڭ يېقىنلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇتەللىپ ھاجى مىللەت سۆيەر دىندار شەخس، مۇتەللىپ ھاجى خەير - ساخاۋەتلىك شەخس بولۇپ نامرات - يوقسۇل ئائىلىلەرگە ياردەم قىلىپ كەلگەن، لېكىن خىتاي ساقچىلىرى ئېيىپلىغاندەك جىنايەتلەرنى سادىر قىلمىغان. ئۇ ئىنتايىن قەيسەر، دىنى، مىللىي روھى كۈچلۈك بولۇپ، تۈرمىدىمۇ سوراقچى گۇندىپايلارغا باش ئەگمەستىن، ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان ساقچى ۋە گۇندىپايلارغا ئۆزىنىڭ ئۇلار بىلەن بىر مىللەت مۇسۇلمان قېرىنداش ئىكەنلىكىنى، خىتايلارغا ھەر قانچە كۆيۈنۈپ مىللىتىنى خارلىسىمۇ خىتايلار ئۇلاردىن رازى بولمايدىغانلىقىنى ئەسلىتىپ سۆز قىلغان. (ئارسلان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.