كىشىلىك ھوقۇق كۈزىتىش تەشكىلاتىنىڭ 2004 - يىللىق دوكلاتى


2005.01.17

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ( Human Rights Watch ) نىڭ 2004 - يىللىق دوكلاتىنىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى قىسمىدا، خىتاينىڭ ئومۇمى يۈزلۈك كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ناچارلىغىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتكە ئوخشاش يىراق غەرب رايونلىرىنىڭ ۋەزىيىتىگىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بەرگەن. ئۇنىڭدا خىتاينىڭ خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشنى يېقىندىن قوللايدىغانلىقىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرۇشتا خەلقئارانىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشكە، بولمىدى دېگەندە خەلقئارانىڭ بۇنى ئۈن-تىنسىز ئېتىراپ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە كۆپ تىرىشقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خەلقارا ئۆلچەمدىن يەنىلا كۆپ تۆۋەن

ھەتتا قۇرئاننى يېشىپ چۈشەندۈرگەندىمۇ كوممۇنىستىك ئىدىئولوگىيە بىلەن چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى سارا دېيۋىس خانىم بۇ ھەقتە رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆتكەن يىلى گەرچە خىتاينىڭ بەزى ساھەلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ئازراق ياخشىلانغان بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن جەھەتتىن يەنىلا خەلقئارا ئۆلچەمدىن كۆپ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى، بۇنى بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋە تىبەت ئېلىدە روشەن كۆرىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

"خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسىي ئاپتونومىيىسىنى تىنچ يولدا تەلەپ قىلغۇچىلار بىلەن زوراۋانچىلارنى، شۇنداقلا بۆلگۈنچىلىك بىلەن خەلقئارا تېررورچىلىقنى پەرقلەندۈرمىدى. خىتاي يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتىنى سىستېمىلىق ھالدا ئېلىپ بېرىپ، قالايمىقان تۇتقۇن قىلىش، يېپىق سوت ئېچىش، قىيىن-قىستاققا ئېلىش ھەتتا ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە ئوخشاش قاتتىق قول سىياسىتىنى داۋاملاشتۇردى."

ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئېتىقادىغا تۇتقان سىياسىتى

مەزكۇر تەشكىلات دوكلاتىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆتكەن يىلنىڭ بېشىدىكى 8 ئايدىلا " بۆلگۈنچى" ۋە " تېررورچى" دېگەن باھانىلەر بىلەن 50 نەپەر ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇ دوكلات يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە مائارىپى ھەققىدىمۇ توختالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە، ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشىمۇ ئىنتايىن تەسكە چۈشىۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىنى ئۆتكۈزىشىگە ۋە ئۇيغۇر تىلىنى قوللىنىشىغىمۇ چەكلىمە قويىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دوكلاتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي دەرس ئېلىش ياكى ئۆگىتىش ۋە دىنىي ئېتىقادىنى ئىپادىلەشكىمۇ يول قويماي، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ دىنىي پائالىيىتىنى چەكلەش، 18 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ مەسچىتكە كىرىشىگە يول قويماسلىق ياكى ئۆيدە دىنىي دەرس ئېلىشىنى توساشقا ئوخشاش بىر يۈرۈش دىنىي ئەركىنلىكنى كونترول قىلىدىغان چارىلەرنى قوللىنىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مەزكۇر دوكلاتتا يەنە، "خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق ئىماملارنى ۋەتەنپەرۋەرلىك سىياسىي ئۆگىنىشى بىلەن تەربىيلەيدۇ. ئاممىنى دۇئا-تىلاۋەت قىلىشقا ئۈندەشنى چەكلەيدۇ ھەتتا قۇرئاننى يېشىپ چۈشەندۈرگەندىمۇ كوممۇنىستىك ئىدىئولوگىيە بىلەن چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ" دەپ يېزىلغان.

خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇش كېرەك

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ 2005 - يىللىق بۇ دوكلاتىدا، ئامېرىكا باشچىلىغىدىكى خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان بەزى يامان ئاقىۋەتلەرمۇ تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلات يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن، خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ئانچە ياخشى بولمىغان بەزى دۆلەتلەرنىڭ بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى ھەمدە بۇ ھەقتىكى ھوشيارلىقىنى يۇقىرى كۆتىرىشىنى تەلەپ قىلدى. بۇ ھەقتە توختالغان سارا دېيۋىس خانىم ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن تېررورچىلىققا قارشى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقاندا، خىتايغا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

"ئۇلار كىشىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك كونكرېت ۋەقەلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىشى كېرەك. بولۇپمۇ ئامېرىكا خىتاي بىلەن تېررورچىلىققا قارشى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقاندا مەلۇم تەشكىلاتنى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا كىرگۈزۈشتە كۆپ ئېھتىياتچان بولىشى كېرەك. بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى بۇ مەسىلىدە كۆپ سەزگۈر ۋە ئېھتىياتچان بولۇشقا ئۈندەيمىز. دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنى سۆيىدىغان ئامېرىكا ھەرگىزمۇ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ قالماسلىقى كېرەك."

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى يىللىق دوكلاتىدا، ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىلىرىدىن سىرت يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تيەنئەنمېن ۋەقەسى، ئەدلىيە سىستېمىسى، ئەمگەكچىلەر ھوقۇقى، ئەيدىز ۋە خوڭكوڭ قاتارلىق تېمىلاردا تەنقىتلىدى. بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرغان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاۋالقى يىللارنىڭكىگە ئوخشاشلا، مەزكۇر تەشكىلات چىقارغان بۇ دوكلاتنىڭ بىر تەرەپلىمە، مەسئۇلىيەتسىز ھەمدە سىياسىي مەقسەت ئارىلاشقان ئاساستا چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.( پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.