ھۈسەنجان جېلىل مەسىلىسى رۇس تىلىدىكى مەتبۇئاتلاردا

0:00 / 0:00
Huseyin-Jilil.jpg
ھۈسەنجان جېلىل (ئائىلە رەسىمى)

يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان بولۇپمۇ ،شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى شاڭخەيگە جەم بولۇپ، بىر قاتار كېلىشىملەرگە قول قويغاندىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى مەتبۇئاتلىرىدا جۈملىدىن رۇس تىلىدىكى مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇرلارغا ئائىت يېزىلغان تۈرلۈك ئۇچۇرلار ۋە ماقالىلار كۆپىيىشكە باشلىدى. بۇ مەتبۇئات ئۇچۇرلىرىدا ئاساسلىقى ئىككى مەسىلە ، بىرى كانادا پۇقراسى ھۈسەنجان جېلىلنىڭ ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىشى بىلەن ئاتاقلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ قولغا ئېلىنىشى مەركەز قىلىنغان .

ئۇچۇرلار ۋاقتى-ۋاقتىدا ئېلان قىلىنىپ تۇرغان

بۇ يىل 3-ئايدا ئۆزبېكىستانغا تۇغقان يوقلاشقا بارغان كانادا پۇقراسى ھۈسەنجان جېلىل تاشكەنت شەھىرىدە ئۆزبېكىستان ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا بۇ ھەقتە خېلى كۆپ ئۇچۇرلار ئېلان قىلىندى. بۇ يەردە خەلقئارالىق مەتبۇئاتلار شۇنىڭدەك ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلغان ئاساسىي نۇقتا ھۈسەنجان جېلىلنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى ھەمدە ئۇنىڭ ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلىقى سەۋەبىدىن ئۆز يېرىدە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىدە تۇرالماي، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇساپىرلار ئىدارىسىنىڭ رۇخسىتى بىلەن مۇساپىرلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىپ، ئاخىرى كانادا پۇقراسى بولغاندىن كېيىنمۇ ، ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن بەرىبىر تۇتقۇن قىلىنىشقا ئۇچرىغانلىقىدۇر.

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خەلقئارا قانۇن تۈزۈملەرنى بىر چەتكە قايرىپ قويغان ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ھۈسەنجان جېلىلنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن بولۇپ، بۇ ۋەقەدىن كېيىن ھۈسەنجان جېلىل مەسىلىسى ھەققىدە يېڭى ئۇچۇرلار يەنە مەتبۇئاتلاردا پەيدا بولۇشقا باشلىدى. ئەلۋەتتە ،رۇس تىلىدىكى مەتبۇئاتلاردىمۇ بۇ ھەقتە بىر قىسىم خەۋەر ئانالىزلىرى ئېلان قىلىندى.

ھۈسەنجان جېلىلغا ئائىت ماقالىلار ئاساسلىقى رۇس تىلىدىكى "پەرغانە.رۇ" ئاگېنتلىقى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بېلگىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رۇس تىلىدىكى ئىنتېرنېت سەھىپىسى" ئۇمىت " مۇ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى داۋاملىق كۆچۈرۈپ باسماقتا.

رۇس تىلىدىكى ئۇچۇرلاردا: ھۈسەنجان سىياسىي مۇساپىر

ھۈسەنجان جېلىلغا ئائىت ماقالىلارنىڭ دەسلەپكى بىرى "پەرغانە.رۇ" ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بولۇپ، كانادا مەتبۇئاتلىرىدىكى مەلۇماتلارنى تەرجىمە قىلىش ئاساسىدا يېزىپ چىقىلغان مەزكۇر ماقالىدە ھۈسەنجان جېلىلنىڭ ئەسلى قەشقەردىن بولۇپ، ئۇ يەردە دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن ئۆزبېكىستانغا قېچىپ بېرىپ پاناھلانغانلىقى ، كېيىن تۈركىيىگە، ئۇنىڭدىن كېيىن كاناداغا كېلىپ ،سىياسىي پاناھلىق سالاھىيىتى بىلەن ياشاپ، ئاخىرى ئۆتكەن يىلى كانادا پۇقرالىقىنى قوبۇل قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇ ماقالە ھۈسەنجان جېلىل ھەققىدە دەسلەپتە ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلارنىڭ بىر بولۇپ، بۇنىڭدا كانادا دىپلوماتىيە دائىرىلىرىنىڭ ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى بىلەن ھۈسەنجان جېلىل مەسىلىسى ھەققىدە ئۇچراشقانلىقى، ئەمما ئۆزبېك دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭ گۇناھى ۋە باشقا مەسىلىلەر توغرىسىدا كانادا دائىرىلىرىنى ئېنىق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىمىگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

بۇ ماقالىدە يەنە كانادا ئۆكتىچى سىياسەتچىلىرىنىڭ ھۈسەنجان جېلىلنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرى ئۈچۈن بەك زور بەدەل تۆلىگەنلىكىدىن نارازى بولغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ھۈسەنجان جېلىلنىڭ ئايالى بىلەن كۆرۈشىشىگە رۇخسەت قىلىنمىغان

ھۈسەنجان جېلىل ھەققىدىكى يەنە بىر پارچە رۇسچە ئۇچۇر ئوخشاشلا" پەرغانە" ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدا ھۈسەنجاننىڭ قولغا ئېلىنىشىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئاخىرى كاناداغا ساق-سالامەت يېتىپ كەلگەنلىكى، بىراق، ئۇنىڭ قورسىقىدا دۇنياغا كېلىش ئالدىدا تۇرغان پەرزەنتى بارلىقى سۆزلەنگەن. ماقالىدە يېزىلىشىچە، ھۈسەنجان جېلىلنىڭ ئايالى كامىلە خانىم ئۆز يولدىشى مەسىلىسى ھەققىدە ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىدىن ئۇنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەت ھۈسەنجاننى قويۇپ بېرىش ئەمەس، ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشىشكىمۇ رۇخسەت قىلمىغان. كامىلە خانىم باشتىلا يولدىشىنىڭ ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇلۇپ بېرىلىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى جەزىم قىلغان .

ھەقىقەتەن ھۈسەنجان ئەپەندىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشى ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشلار بۇرۇنلا ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، كانادا ئۇيغۇر جەمىيىتى كۆپ قېتىم كانادا دائىرىلىرىغا بۇ مەسىلە ھەققىدە مەلۇمات يوللاپ، ئۇلاردىن ھۈسەنجاننى قۇتۇلدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. كانادا ئۇيغۇر جەمىيىتى تاشكەنت دائىرىلىرىنىڭ ئۇنى خىتايغا بېرىۋېتىش خەۋپلىرىنىڭ بارلىقىنى كانادا ھۆكۈمىتىگە بىلدۈرگەن ئىدى.

ھۈسەنجان جېلىل ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار داۋاملىق تۈردە ئېلان قىلىندى. بۇنىڭدا كانادا دائىرىلىرىنىڭ ئۆزبېكىستاندىن ھۈسەنجاننى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇنىڭدىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ھۈسەنجاننىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئاخىرقى يېڭى ئۇچۇر يەنى ئۇنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن رۇسچە ۋە ئۆزبېكچە تىللاردا چىقىدىغان " دىئالوگ" ئىنتېرنەت تورىدا بۇ ھەقتە خەۋەر بېسىلدى. بۇ ئۇچۇر پەرغانە، ئۈمىد، ئوتتۇرا ئاسىيا ئىنتېرنەت تورلىرىدا كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىندى.

ئەلۋەتتە، ھۈسەنجان جېلىلنىڭ ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇشىدىن تارتىپ، ئۇنىڭ ئاخىرى خىتايغا بېرىۋېتىلىشىغىچە بولغان قىسقىغىنا ئۈچ ئاي ئىچىدە ھۈسەنجان جېلىل مەسىلىسى ۋاقتى-ۋاقتىدا رۇس تىلىدىكى ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا تىللىرىدىكى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىپ تۇردى. ئازادلىق رادىئوسىنىڭ ئۆزبېكچە، قىرغىزچە، رۇسچە بۆلۈملىرى ھەمدە ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ ئۆزبېكچە شۆبىسىمۇ بۇ ھەقتە ئۇچۇرلارنى تارقاتتى.

ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلار خەلقئارالىق ۋە رايون خاراكتېرلىق ۋەزىيەتلەرگە باغلىق

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي تىللىرى ھەمدە رۇس تىلىدىكى مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئۇچۇرلارنىڭ ۋە ئانالىزلارنىڭ كۆپىيىشى نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خەلقئارالىق ۋە رايون خاراكتېرلىق سىياسىي ۋەزىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. چۈنكى، ئۇيغۇر مەسىلىسى خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى ھۆكۈمەتلىرى ئارىسىدىكى دىپلوماتىك پائالىيەتلەردىن ئورۇن ئالدى شۇنىڭدەك بېيجىڭ رەھبەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى بىلەن بولغان تۈرلۈك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھەرىكەتلىرىگە بىرلىكتە زەربە بېرىشنى ئىزچىل تەلەپ قىلىپ، بۇ نۇقتىنى ئىككى تەرەپ كېلىشىملىرىگە كىرگۈزدى. خىتاي بىلەن ئۆزبېكىستان ئارىسىدىكى كېلىشىملەردە ئۆزبېكىستاننىڭ خىتاي بىلەن بىرلىكتە ئاتالمىش ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىدىغانلىقى بېكىتىلگەن.

ئۇيغۇر سىياسىيونلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆزبېكىستان 90-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن ئېتىبارەن ئۆز تۇپرىقىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىنى چەكلىگەن بولۇپ، ئۆزبېكىستان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ باشقا مەملىكەتلەرگە بېرىپ، يىغىنلارغا قاتنىشىشىنى، ئۆزبېكىستانغا باشقا مەملىكەتلەردىكى ئۇيغۇرچە مەتبۇئات ماتېرىياللىرىنىڭ تارقىلىشىنى چەكلىگەن ئىدى. تاشكەنتنىڭ بېيجىڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىقلىرى كۈنسايىن كۈچەيدى.

رۇس تىلىدا ئېلان قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئائىت ماقالىلاردا تاشكەنتنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقلارنى شۇنىڭدەك ئۆز دۆلەت مەنپەئەتىنى دەپ ئۆزبېكلەرگە قېرىنداش ھېسابلىنىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرى ۋە مىللىي مەنپەئەتلىرىنى قۇربان قىلىۋاتقانلىقى سۆزلىنىدۇ.(ئۈمىدۋار)