ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشسىزلىق كرىزىسى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقماقتا


2004.09.22

بەش يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا، يىلىغا 400 مىڭ ئەمگەك كۈچى كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، مۇتەخەسىسلەر 2010 - يىلىدىن 2015 - يىلىغىچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەڭ جىددى ئىشسىزلىق كرىزىسىگە دۇچار بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسىنىڭ ئېغىرلىشىشىغا نېمىلەر سەۋەپ بولماقتا ؟

ئەمگەك كۈچىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى يىلىغا 400 مىڭ

ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق شەھەر ئىقتىساد تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ يېقىندا چىقارغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە 2010 - يىلىدىن 2015 - يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر ئېلى ئېشىندى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ نىسبىتى ھەممىدىن يۇقىرى بولغان بىر ئىشسىزلىق كرىزىسگە دۇچار بولىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا ئۇيغۇر رايونىدا ئەمگەك كۈچىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى يىلىغا 400 مىڭدىن ئېشىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، يەنى 2001 - يىلىدىن 2005 - يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا شەھەر - ناھىيىلەردىكى ئېشىندا ئەمگەك كۈچى تەخمىنەن بىر مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن.

تەڭرىتاغ تور بېتىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەمگەك كۈچىنىڭ ئەمەلىي خىزمەت ئېھتىياجىدىن ئارتۇق بولىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەمگەك كۈچىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىغا يېڭى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەت كۈتۈپ تۇرغۇچىلارنىڭ يىلدىن - يىلغا كۆپىيىشى، يېزىلاردىن شەھەرلەرگە يۆتكىلىۋاتقان ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ كۆپىيىشى، ھەمدە يەنە ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا ۋە سۈرئئىتىنىڭ يېڭىلىنىشى قاتارلىقلار دەپ كۆرسەتكەن.

ئىلگىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي تور بەتلىرىدە بېرىلگەن مەلۇماتلاردا ئۇيغۇر ئېلىغا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كېلىۋاتقان ئاققۇن خىتاي نوپۇسىنىڭ 30 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقى بۇ خىتاي ئاققۇن ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ھەر يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىن 10 مىليارت يۇئەن قازىنىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر بېرىلگەن ئىدى . ئەمما ئۇيغۇر رايونىدا ئېشىندا ئەمگەك كۈچىنىڭ نىسبىتى ئېشىپ ئىشسىزلىق ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىشىۋاتقانلىقىغا ، ئۇيغۇر ئېلىغا كېلىۋاتقان خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭمۇ تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.

سۇئالىمىز جاۋابسىز قالدۇرۇلدى

بىز ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۈرۈمچى ئەمگەك مۇلازىمەت ئىدارىسىغا تېلېفون ئۇرۇپ ، ئۇيغۇر ئېلىدا يېقىن كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئەمگەك كۈچى ئارتىپ كېتىش كرىزىسگە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ قانداق تەدبىر قوللانماقچى بولىۋاتقانلىقىنى سورىدۇق، ئەمما تېلېفوننى ئالغان خادىم " بۇ مەسىلە جوڭگودىلا ئەمەس، مەيلى كاپىتالىستىك ياكى سوتسىيالىستىك بولسۇن دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە بارغۇ، بۇنىڭغا ھۆكۈمەت يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىۋاتىدۇ" دىگەندىن باشقا جاۋاب بەرمەيلا تېلېفوننى ئۈزدى.

ئىشسىزلىقنىڭ ئاساسلىق ئامىلى: خىتاي ئاققۇنلىرى

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسى, بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسىنىڭ كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتقانلىقى ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ جىددى دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بىر مەسىلە بولۇپ ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى باياناتچىسى ، ئۇيغۇر ئېلىغا كېلىۋاتقان خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ سانىنىڭ ئېشىشى ، ئۇيغۇر ئېلىدا بولۇپمۇ ئۇيغۇرلاردا ئىشسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئاساسلىق ئامىل دەپ كۆرسەتتى:

خىتاي شىنخۇئا ئاخباراتىنىڭ 21- سېنتەبىر ئېلان قىلغان خەۋېرىدىمۇ ئۇيغۇر رايونىغا پەقەت كېۋەز تېرىش ئۈچۈنلا كېلىۋاتقان خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ يىلىغا 600 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 6 - ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلى مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇشقا ياردەم بەرگۈچىلەر نامىدا، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن جەمى 10 مىڭ خىتاينى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شەھەر ۋە يېزا بازارلىرىدىكى مەكتەپلەرگە رەسمى شىتات بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىغان.

رادىئومىزغا ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئىنكاسلار ۋە مۇخبىرلىرىمىز ئىگىلىگەن ئاخباراتلاردىمۇ ، ئۇيغۇر ئېلىدا بولۇپمۇ ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەر ئارىسىدا ئىشسىزلىق مەسىلىسىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىقى مەلۇم بولماقتا.

ئۇيغۇرلارغا پۇرسەت بېرىلمىگەن

ئۇيغۇر ئېلىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا ، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا غەربنى ئېچىش سىياسىتى بىلەن ، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش گاز تۇرۇبا قۇرۇلۇشى، تاش يول ياساش قۇرۇلىشى قاتارلىقلارنى ئېلىپ بېرىپ كۆپلەپ ئەمگەك كۈچى ئىشلىتىۋاتقان بولسىمۇ ، ئۇيغۇرلارغا بۇ خىل ئىش پۇرسەتلىرىنىمۇ بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە، بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ئېلىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئىشسىز ياش ، ئائىلىسىدە 7 كىشىنىڭ بىر ئۆزىگە قاراشلىق ئىكەنلىكى ، ئەمما ئۆزىنىڭمۇ خىزمەتسىز ئىكەنلىكىدەك ئەمەلىي ئەھۋالىنى سۆزلەپ بەردى :

شۇنداقلا بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاينىڭ غەربنى ئېچىش سىياسىتى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت كارخانا ئاچقانلار خېلى كۆپىيىۋاتقان بولسىمۇ ، بۇ ئورۇنلار يەرلىك خەلقتىن ئەمگەك كۈچى قوبۇل قىلمايدىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەلۇم يېزىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر دېھقان بوۋاي، گەرچە ئۆز يېزىسىغا زاۋۇت كارخانىلار قۇرۇلغان بولسىمۇ دېھقان بالىلىرىنى يەنىلا بۇ ئورۇنلارغا قوبۇل قىلمايۋاتقانلىقىنى ئېيتتى:

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت ئىستاتېسكىسىدا 2004 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا شەھەر ناھىيىلەردىكى رەسمى تىزىمگە ئېلىنغان ئىشسىزلار نىسبىتى 4٪ كە يېتىدۇ دەپ كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار ئەمەلىي سان بۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى بولىشى مۇمكىن دەپ بىلدۈرمەكتە.(گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.