ئىستانبۇلنىڭ سۇلتان ئەخمەت مەيدانىدا ئولىمپىك مەشئىلىگە قارشى نامايىش
2008.04.03

بېيجىڭ 2008 - يىللىق ئولىمپىك مەشئىلى ئافىنا، بېيجىڭ ۋە ئالماتادىن كېيىن 4 - بېكىتى بولغان ئىستانبۇلغا يېتىپ كەلدى. مەشئەل ئىستانبۇل سۇلتان ئەخمەت مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇراسىم بىلەن تۈرك تەنتەربىيەچىلىرىگە بېرىلدى.
80 تۈرك تەنتەربىيىچى ۋە تونۇلغان سەنئەتچىلەر تەرىپىدىن كۆتۈرۈلگەن مەشئەلنى قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قارشى د ئۇ ق نىڭ يوليورۇقىغا بىنائەن تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ئورتاقلىشىپ ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنىڭ خىتايدا ئېلىپ بېرىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزدى.
ئىستانبۇلنىڭ سۇلتان ئەخمەت مەيدانىدا يىغىلغان ئۇيغۇر ۋە قازاقلاردىن تەركىپ تاپقان نامايىشچىلار قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق، تىبەت بايرىقى، تۈرك بايرىقى ۋە لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن ھالدا نامايىش ئۆتكۈزدى. بۇ نامايىشتا ھەممە بىردەك "ئولىمپىك مەشئىلى بىگۇناھ ئىنسانلارنى كۆيدۈرۈۋاتىدۇ، ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنى خىتايغا بەرگەنلەر خىتايلار ئۆتكۈزۈۋاتقان جىنايەتكە ئورتاق بولغانلار، خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن ۋە تىبەتتىن چىقىپ كەت، ئۇيغۇرلارغا ۋە تىبەتلەرگە ئەركىنلىك" دېگەنگە ئوخشاش شوئارلارنى توۋلاشتى.

ئۇلار قوللىرىدا كۆتۈرگەن لۇزۇنكىلاردا يەنە "تىبەتلەرگە مۇستەقىللىق، شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا مۇستەقىللىق ئۇيغۇرلارغا مۇستەقىللىق، كوممۇنىست خىتايلار شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ۋە تىبەتلەرگە قىلىۋاتقان زۇلۇمنى توختات، ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك، شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر تۇپرىقىدۇر، ئولىمپىك مەشئىلى بىگۇناھ ئىنسانلارنى كۆيدۈرۈۋاتىدۇ، خىتايدا ئۆتكۈزىلىدىغان ئولىمپىككە قارشى تۇرىمىز" دېگەنگە ئوخشاش شۇئارلار يېزىلغان.
بۇ قېتىمقى نامايىشنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، قەيسەرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ياشلىرى ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتى، ئورتاقلىشىپ ئېلىپ بارغان بولۇپ، نامايىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن قەيسەرىدىن مەخسۇس ئاپتوبۇس بىلەن 100 كىشى كەلگەن.
بۇ قېتىمقى نامايىشقا ئەنقەرە، ئىستانبۇل ۋە قەيسەرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋە تۈركلەردىن بولۇپ 1000دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان نەرسە بۇ نامايىشقا 4 - 5 ياشلىق بالىلاردىن 85 ياشتىكى بوۋاي مومايلارغىچە كۆپ ساندا كىشىنىڭ قاتناشقانلىقىدۇر. ئىستانبۇلدا ئېلىپ بېرىلغان ئولىمپىك مەشئىلىنى قارشى ئېلىش مۇراسىمىنى تۈرك ساقچىلىرى ئاسماندا تىك ئۇچار ئايروپىلان، يەردە كۆپ ساندا ساقچىلار بىلەن قوغداشقا تىرىشقان بولسىمۇ بەزى ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن تۈركلەر مۇراسىم مەيدانىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى ئېچىپ، شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك دەپ شۇئار توۋلاش بىلەن تەڭ تۈرك ساقچىلىرى تۇتۇۋېلىپ ئۇلارنى مۇراسىم مەيدانىدىن ئۇزاقلاشتۇردى.

ئۇيغۇرلار ئېلىپ بارغان بۇ نامايىش سۇلتان ئەخمەت مەيدانىدىكى مۇراسىم مەيدانىغا يېقىن بىر يەردە ئۆتكۈزۈلدى، تۈرك ساقچىلىرى ھەممە تەرەپنى قورشىۋېلىپ مۇراسىم مەيدانىغا بارغىلى قويمىغان ئىدى. نامايىشچىلار ئاخىرىدا تۈرك ساقچىلىرىنىڭ توسۇشىغا قارىماستىن، سۇلتان ئەخمەت مەيدانىدا شۇئار توۋلاپ مېڭىپ، نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ نامايىشنى ئاخىرلاشتۇردى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ بۇ نامايىش ھەققىدىكى نەق مەيدان خەۋىرىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- نامايىشچىلار ئافېنادىكى ئولىمپىك مەشئىلىنى يېقىش مۇراسىمىدا خىتايغا قارشى كاشىلا چىقىرىپ ھەيۋە كۆرسەتتى
- "شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن تارىخىي پۇرسەت"
- تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ بىخەتەرلىكىنى شەرقىي تۈركىستانچىلارغا باغلىغانلىقىنى قاتتىق ئەيىپلىدى
- ميا فېروۋ خانىم جورج بۇشنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى مەسىلىدە بايانات ئېلان قىلىشقا چاقىردى
- ئولىمپىك خىتاينى ئۆزگەرتەمدۇ ياكى خىتاي ئولىمپىكنىمۇ؟
- خىتاي شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۈچۈن تەھدىت ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللىك مۇخبىرلارغا قاراتقان تەكشۈرۈشىنى كۈچەيتمەكتە
- "خىتاي 2008 - يىلىدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن ئايرىلىپ قالامدۇ؟"
- نورۋېگىيە ۋە شىۋېتسىيىدە خىتاي ئولىمپىكىگە قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى
- خىتاي كانادا مۇناسىۋەتلىرىدە بېيجىڭ ئولىمپىكى
- خىتاينىڭ ئولىمپىك ئۈلگىسى گېتلېر گېرمانىيىسى بولامدۇ ياكى جەنۇبىي كورىيىمۇ؟
- " قەدىمكى گرېكلار 2008 - يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئارقىلىق ئۆز قەبرىسىنى قازىدىغان بولدى"
- 32 دۆلەتتىكى 100 شەھەردە خىتايغا قارشى پائالىيەتلەر
- بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر كۈچەيمەكتە (1)
- ئافېنادا " كىشىلىك ھوقۇق مەشئىلىنى يەتكۈزۈش" نامايىشى باشلاندى
- ۋانكۇۋېر شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلىكلەر 2008 - يىلى ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش نامايىشى ئۆتكۈزدى









