"خەلقئارا كىشىلىك ھوقوقنى كۈزىتىش تەشكىلاتى" خىتاينى كىشىلىك ھوقوقنى ياخشىلاشقا چاقىردى

2004 -يىللىق ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنىنى ئۆتكۈزىۋاتقان گىرىتسىيىنىڭ ئافېنا شەھىرى بۇ ئاينىڭ 29 - كۈنى ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا، ئولىمپىك بايرىقىنى بېيجىڭغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. دەل بۇنىڭ ھارپىسىدا " خەلقارا كىشىلىك ھوقوقنى كۈزىتىش تەشكىلاتى" دوكلاتىدا بېيجىڭنى ئاگاھلاندۇرۇپ، خەلقئارا ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشتەك بۇنداق شەرەپكە ئېرىشكەن ساھىبخان دۆلەتنىڭ ،يەنە نۇرغۇن مۇھىم ۋەزىپىلىرى بارلىقىنى كۆرسەتتى. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقوقلىرىنى داۋاملىق تۈردە دەپسەندە قىلىشى، بېيجىڭنىڭ خەلقئارادا ئالقىشقا ئېرىشىشىگە توسقۇنلۇق قىلماقتا.

دوكلاتتا مۇنداق دىيىلگەن: " خىتاي ھۆكۈمىتى مەتبۇئات ۋە ئىنتىرنەتكە بولغان كونتروللۇقنى بىكار قىلىشى كېرەك. خىتايدىكى ئىشچىلارنىڭ مۇستەقىل ھالدا ئويۇشما قۇرۇشىغا يول قويىشى كېرەك. ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مەجبۇرىي ھالدا كۆچۈرۈلگەن ئاھالىلارنىڭ ھوقوقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتىتى شۇنداقلا يەنە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، خىتايدىكى مۇخبىرلار ۋە پۇقرالارنىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ئالدى- كەينى ۋە يىغىن جەريانىدىكى سۆز ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك."

"خەلقئارا كىشىلىك ھوقوقنى كۈزىتىش تەشكىلاتى"نىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى، مەزكۈر دوكلاتنىڭ يازغۇچىسى سارا دەيۋىس خانىم بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىزغا مۇنداق دىدى:

- خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن،خىتاينىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقوق ئۆلچەملىرىگە رىئايە قىلىش مەجبۇرىيىتى بار. ھالبۇكى 2008 - يىلىدىكى ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنىغا تەييارلىق كۆرۈش باسقۇچىدىلا خىتايدا نۇرغۇن كىشىلىك ھوقوق دەپسەندىچىلىكلىرى يۈز بەردى. بىز بۇنداق قىلمىشلارنى دەرھال توختۇتۇش كېرەك دەپ قارايمىز. ئۆز پۇقرالىرىغا زىيانكەشلىك قىلىش بەدىلىگە دۇنيا ئەھلىنى قارشى ئېلىش ، ھەرگىزمۇ مۇۋاپىق ئۇسۇل ئەمەس.

"خەلقارا كىشىلىك ھوقوقنى كۈزىتىش تەشكىلاتى" دوكلاتىدا ئىلگىرى سۈرىشىچە، خىتاينىڭ ئولىمپىك بايرىقىنى ئۆتكۈزىۋېلىشى ۋە 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا تەييارلىق كۆرۈشىگە ئەگىشىپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ نەزىرى خىتايغا مەركەزلىشىدىكەن. بۇ خىتاينىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى ئوبرازىنى ياخشىلايدىغان بىر ياخشى پۇرسىتى بولۇپ، ئەگەر خىتاي يەنىلا ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقوق خاتىرىسىنى ياخشىلىمىسا، ئۇ ھالدا خەلقارادىكى ئوبرازىنى ياخشىلىمىقى ئىنتايىن تەسكە توختايدىكەن.

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، 2008 - يىلى يازدا ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنى ئېچىلىشنىڭ ھارپىسىدا مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان چەتئەل مۇخبىرلىرى بېيجىڭدا يىغىلىدۇ ھەمدە مەتبۇئاتلار قاتتىق كونترول قىلىنىۋاتقان، نۇرغۇن مۇخبىرلار تۈرمىگە تاشلانغان، تور بەتلىرى پىچەتلەنگەن ، كىشىلىك ھوقوق ۋە ئەمگەكچىلەر ھوقوقى پائالىيەتچىلىرى تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان بىر ۋەزىيەتكە دۈچ كېلىدۇ. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇخبىرلارنىڭ خىزمىتىنى بىمالال ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇش - قويماسلىقى، بېيجىڭدا ئۆتكۈزىدىغان ئولىمپىك يىغىنىنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغان - بولمىغانلىقىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم بىر ئۆلچەم بولۇپ ھىسابلىنىدىكەن. دوكلاتتا مىسال ئېلىپ چۈشەندۈرىلىشىچە، يېقىندا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا پۇتبول لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە، خىتاي ساقچىلىرى چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ خىتاي- ياپۇنىيە كوماندىسى ئارىسىدىكى مۇسابىقىدىن كىيىنكى خىتاي تاماشىبىنلىرىنىڭ يولسىز قىلمىشلىرىنى سۆرەتكە تارتىشىغا رۇخسەت قىلمىغان.

باش شىتابى پارىژدىكى " چىگراسىز مۇخبىرلار" تەشكىلاتى ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ مەسئولى ۋېنسېنت ئەپەندى خىتايدىكى ئاخباراتقا بولغان كونتروللۇقنىڭ بوشاشمىغانلىقىنى كۆرسۈتۈپ، مۇنداق دىدى:

ـ تەجرىبىمىزگە ئاساسلانغاندا، چەتئەل ۋە خىتاي مۇخبىرلىرى خىتايدا چىرىكلىك، مۇھىت بۇلغۇنىشى، ئاھالىلەرنىڭ مەجبۇرىي كۆچۈرۈلىشى دىگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەرنى خەۋەر خالىغانچە قىلالمايدۇ. چۈنكى ھۆكۈمەت بۇنى قاتتىق چەكلەيدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى 2008 - يىللىق ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنى ئۆتكۈزۈش ھوقوقىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا موسكىۋادا ۋەدە بېرىپ، ئولىمپىك يىغىنى ئېچىلىشنىڭ ئالدى - كەينىدە دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى مۇخبىرلارغا ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنىنى خەۋەر قىلىشتا تولۇق ئەركىنلىك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بىز بۇنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىۋاتىمىز.

"خەلقارا كىشىلىك ھوقوقنى كۈزىتىش تەشكىلاتى "دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنى ئېچىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ئەسلىھەلەرنى سېلىش ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭدا نۇرغۇن ئاھالىلەرنى مەجبۇرىي كۆچۈرگەن. بۇ خىل قىلمىش خەلقئارا كىشىلىك ھوقوق ئۆلچەملىرىگە خىلاپ بولۇپلا قالماي، خىتاينىڭ قانۇنىغىمۇ خىلاپ ئىكەن. مەجبۇرىي كۆچۈرۈلگەن خەلق ئۆز دەۋاسىنى ئاقتۇرىدىغان ھىچقانداق قانۇنىي يول تاپالمىغانلىقتىن ، نۇرغۇنلىرى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولغان. ئەمما ئۇلار ساقچىلارنىڭ باستۇرىشىغا ئۇچرىغان. دوكلاتتا تەكىتلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى چوقۇم تىنچ ھالدا نامايىش ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ ھوقوقىنى قوغداپ ، ئۇلارنىڭ مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىشى كېرەك.

مەزكۈر دوكلات ئەڭ ئاخىرىدا، " خەلقئارا كىشىلىك ھوقوقنى كۈزىتىش تەشكىلاتى" نىڭ ئاسىيا- تىنچ ئوكيان بۆلىمىنىڭ ئىجرائىي رەئىسى بىرەد ئەدىمىسنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، مۇنداق دىگەن : " پۈتۈن دۇنيانىڭ نەزىرى بارغانسىرى خىتايغا مەركەزلىشىدۇ. ئۇنىڭ پۇقرالىرىنىڭ ھوقوقىغا ھەقىق تۈردە ھۆرمەت قىلامدۇ - يوق دىگەنگە دىققەت قىلىۋاتىدۇ. ئەگەر خىتاي داۋاملىق تۈردە ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقوق خاتىرىسىنى ياخشىلىمىسا،2008 - يىللىق ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنى ،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ بىر دىكتاتور ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى دۇنياغا روشەن نامايەن قىلىپ بېرىدۇ". (ئارزۇ)