0:00 / 0:00
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابلاجان لەيلى نامان "قانۇندىن ساۋات" پروگراممىمىز بويىچە "دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتاپنامىسى" نىڭ كىرىش سۆزى توغرىسىدا توختىلىپ، كىشىلەرنىڭ قانۇن ئالدىدىكى باراۋەرلىك ھوقۇقىنى ۋە ئۇنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنىنى شەرھىلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتاپنامىسىنىڭ مەزمۇنى بىلەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىنىڭ مەزمۇنلىرىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، دۆلەتلەرنىڭ قانۇننى ئىجرا قىلىش ئاڭلىقلىقى ئۈستىدە توختالدى.