خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى نەشرىياتچىلىققا بولغان كونترۇللۇقىنى كۈچەيتتى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي ھۆكۈمەت ئاخپاراتلىرىدىن ئاشكارلىنىشىچە، خىتاي كومىنست پارتىيە مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ نەشرىياتچىلقتا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى تەرتىپكە سېلىش بولۇپمۇ سىياسىي يۆنۈلۈش خاراكتېرلىك خاتالىقلارنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويماسلىق ھەققىدىكى بۇيرۇقىغا ئاساسەن، نۆۋەتتە خىتاي پارتىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەتپۇئات ساھەسىگە بولغان كونتۇللۇقنى كۈچەيتكەن.

خاتالىقلارغا يول قويۇش جەمىيەت مۇقىملىقىغا تەھدىد ئېلىپ كېلىشى مۈمكىن

چارشەنبە ئېچىلغان، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق نەشرىيات خىزمىتى يىغىنىدا، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى پارتكومىنىڭ مۇئاۋېن سېكرىتارى نۇر بەكرى نەشرىياتچىلقنىڭ خىتاينىڭ ھەم ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇقىملىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ :

" ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى نەشرىياتچىلىققا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك بولۇپمۇبەزى نەشرىيات ئورۇنلىرىدا سىياسىي خاتالىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بوشلۇق بار، ئەگەربۇ خىل سىياسى خاراكتېرلىق خاتالىقلارنى ۋاقتىدا توسۇپ قالالمىساق، جەمىيەت مۇقىملىقىغا تەھدىد ئېلىپ كېلىشى مۈمكىن "دەپ جىددى تەكىتلىگەن.

شۇنداقلا ئۇ ئاخپارات ساھەسىنى چوقۇم تۈزۈش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، ھەر قايسى گېزىت، ژورنال، كىتاپ، نەشرىياتچىلىقىدا مەخسۇس سىياسى تەھرىرلىك ھالقىسىنى كۈچەيتىش كېرەك، مەسىلىنى بايقىغان ھامان قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش، نەشرىياتچىلىق بازىرىنى داۋاملىق تازىلاپ تۇرۇش كېرەك دىگەن.

ئۇيغۇر ئېلىدا بارلىق ئاخپارات نەشرىيات ساھەلىرى خىتاي كومىنىست پارتىيىسىنىڭ باشقۇرىشىدا بولۇپ، خىتاي كومنىست ھۆكۈمىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ،يەنى بۇ ساھەلەر خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تەشۋېقات ئاپاراتىدۇ. خىتاي كونىست ھۆكۈمىتى ئۇلارنى سىياسى جەھەتتىن نازارەت قىلىدۇ.

كىتابلارمۇ كۆيدۈرۈلگەن ئېدى

رادىئومىز مۇخبىرلىرىنىڭ ئىگىلىگەن ئاخپاراتلىرىدىنمۇ مەلۇمكى، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نەشرىيات بازارلىرىنى تەرتىپكە سېلىش، ئىدىئولوگىيە جەھەتتىكى مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە تېرورىزىمغا قارشى تۇرۇش، قانۇنسىز دىننىي نەشىريات بويۇملىرىنى تازىلاش دىگەندەك باھانە سەۋەپلەر بىلەن كۆپ قېتىم كىتاپ كۆيدۈرۈش، مەتبە ئورۇنلىرىنى تاقاش، نەشرى بويۇم ۋە كىتاپلارنى يىغىش ھەركەتلىرىنىئېلىپ باردى. شۇنداقلا مەدىنىيەت- سەنئەت ساھەسىدە ۋە نەشىرياتچىلىق ساھەسىدىكى بىر قىسىم يازغۇچى شائىر ۋە تەھرىرلەرنى تەنبىھ ئاستىغا ئالدى.

كۆپ ئەدىپلەر قولغا ئېلىنغان

ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتاغلىق تارىخچى ئالىم، يازغۇچىلىرىدىن تۇرغۇن ئالماس ئەپەندىنىڭ ئۈچ كىتاۋېنىڭ تەنقىدلىنىشى ۋە يىغىۋېلىنىشى،تارىخچى قۇربان ۋەلىنىڭ كىتاپلىرىنىڭ يىغىپ كۆيدۈرۈلىشى، يەنە سىدىق ھاجى روزى، توختى موزارت، ھاجى ياقۇپ، ئەخمەد ئىگەمبەدى، دولقۇن ياسىن، ئەخمەتجان ئوسمان قاتارلىقلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ تۈرمىلەرگە ئېلىنىشى، قىيىن قىستاققا ئېلىنىشى ۋە بەزىلىرىنىڭ چەتئەللەرگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇشى قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەدىنىيەت - سەنئەت، مەتبۇئات ساھەسىگە بولغان كونتۇرۇللىقىنىڭ ئەزەلدىنلا كۈچلۈك بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسۈتۈپ بېرىدۇ.

ئىلگىرى جەڭگىۋار ئىجادى ناخشىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەكلىشىگە ئۇچراپ چەتئەلگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان، شىنجاڭ سەنئىتى ژورنىلىنىڭ تەھرىرى بولۇپ ئىشلىگەن، كۈرەش كۆسەن ئەپەندى خىتاي كومىنست پارتىيىسىنىڭ پۈتۈن خىتايدا مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى كونتۇرۇل قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار ئېلىدا بۇخىل كونتۇرۇللۇقنىڭ ئالاھىدە گەۋدىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى ھەمدە بۇنىڭ سەۋەپلىرى ۋە تەسىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: