پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاتتىق قوللۇق بىلەن يۈرگۈزۈلىشىدە كىملەر ئاساسلىق رول ئويناۋاتىدۇ؟

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىجرا قىلىنىشى تېخىمۇ قاتتىق بولماقتا. بەلگىلىمىلەردە گەرچە ئاز مىللەتلەرگە ئېتىۋار بېرىش تەكىتلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ يۈرگۈزۈلۈش داۋامىدا، مەجبۇرى بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىلىرىدە ئاز بولمىغان ئۇيغۇر ئانىلار بالىلار ئوخشاشلا زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچراپ كەلمەكتە.

ئەلۋەتتە بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىدىن باشقا، پىلانلىق تۇغۇت ئىشىنى بېجىرگۈچى خادىملار بۇ پاجىئەلەرگە بىۋاستە سەۋەبچى بولماقتا.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر پىلانلىق تۇغۇت خادىمى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرىدىن ئاڭلاڭ.