كانادادا مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى

0:00 / 0:00

يېقىندا كانادا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن "ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى" دېگەن يىغىندا ئۈچ نەپەر چەتئەللىك مۇتەخەسسىس سۆزگە چىقىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋاللىرىنى تونۇشتۇردى.

ئۇلارنىڭ ئىچىدە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى كانادا بۆلۈمى خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى كارنىل خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ھەر قايسى تەرەپلەردىن چەكلەۋاتقانلىقىنى، 11-سېنتەبىردىن كېيىن تېررورچى قالپىقى ئاستىدا باستۇرىۋاتقانلىقى شۇنداقلا رابىيە خانىمنىڭ مەسىلىلىرى قاتارلىقلار ھەققىدە توختالدى.

بۇ پروگراممىمىزدا، كانادادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەخمەت تۇرسۇن كارىل خامىنىڭ مەزكۇر ماقالىسىنىڭ مەزمۇنىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىدۇ.