رابىيە قادىرنىڭ رافتو مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكى ھەققىدە زىيارەت

0:00 / 0:00

نورۋىگىيىدىكى خەلقئارا رافتو فوندى جەمئىيىتى -2004يىللىق مۇكاپاتىنى، ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىقى سەۋەبىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلانغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى، 10 بالىنىڭ ئانىسى بولغان رابىيە قادىر خانىمغا بەردى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز پەرىدە، مەزكۈر جەمئىيەت رەئىسى ھەمدە رابىيە خانىمنىڭ يولدىشى ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى ۋە قىزى ئەقىدەنى زىيارەت قىلدى

rebiya-play.jpg

نورۋىگىيىدىكى خەلقئارا رافتو فوندى جەمئىيىتى -1986 يىلى، نورۋىگىيىلىك ئاتاغلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى پروفېسسور سورولف رافتو (Thorolf Rafto) نىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، ئۇنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن قۇرۇلغان. رافتو ئەپەندى پۈتۈن ھاياتىنى دۇنيادىكى نامراتچىلىق ۋە باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى يوقۇتۇش ئىشلىرىغا بېغىشلىغان بىر كىشى.

شۇندىن بۇيان رافتو فوندى جەمئىيىتى ئاساسىي ئىنسان ھوقۇقلىرى بولغان مەنىۋىي ئەركىنلىك، سىياسىي ئەركىنلىك ۋە سودا ئەركىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تۈپ نىشان قىلىپ، چېگرىدىن ھالقىغان ئاساستا پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئىنسانپەرۋەرلىك ھەرىكەتلەر بىلەن شوغۇللاندى. شۇنداقلا دۇنيادىكى سورولف رافتونىڭ ئۆچمەس روھى بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ۋە ئۆزىنى بۇ ساھەگە ئاتىغان شەخسلەرنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئۇلارغا ئېھتىرام بىلدۈرۈش ئۈچۈن رافتو كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنى تەسىس قىلدى.

rebiya_150.jpg

رابىيە قادىر, ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنىڭ سىمۋولى

مەزكۈر رافتو مۇكاپاتىنىڭ 2004 - يىلى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى رابىيە قادىرغا تەقدىم قىلىنىشى، ئۇيغۇر ئەھلىنى ۋە خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى خۇشال قىلدى. رافتو كىشىلىك ھوقۇق فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارنې لىنگارد (Arne Lynngard) ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، رابىيە قادىرنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكىنى ھەمدە بۇ مۇكاپات ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنياغا تونۇتۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى:

"بىز ئۇزۇندىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتىنى كۈزىتىپ كېلىۋاتىمىز. ھەمدە بىز بۇ يەردىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىمىز. رابىيە قادىر- ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئېلىپ بېرىۋاتقان كۆرەشلىرىنىڭ بىر جانلىق ئىسپاتى. بىز رابىيە خانىمنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالىدىن بەك ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. بىز بۇ رافتو مۇكاپاتى ئارقىلىق خەلقئارانىڭ دېققىتىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە تارتىشنى مەقسەت قىلدۇق. ھەمدە بىز خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئوچۇق سېگنال بېرىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتى ۋە ئۇ يەردە نىمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۈزىتىپ كېلىۋاتقىنىمىزنى بىلدۈرمەكچى."

رابىيە قادىر- ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئېلىپ بېرىۋاتقان كۆرەشلىرىنىڭ بىر جانلىق ئىسپاتى

لىنگارد ئەپەندى: ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشەندۈرىمىز

لىنگارد ئەپەندى سۆزىدە يەنە، ئۇلارنىڭ ھازىر، خىتاي-نورۋىگىيە دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى بىلەن خىتايغا بارماقچى بولغان، نورۋىگىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ خىتايغا رابىيە قادىر ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، مەزكۈر جەمئىيەت يەنە، يېقىندا مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 150 نەپەر مۇخبىرغا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشكە تەييارلانماقتا ئىكەن.

رافتو فوندى جەمئىيىتى رابىيە قادىر ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاياللار ھوقۇقىنى قوغداش جەھەتتە كۆرسەتكەن تۆھپىلىرىنى شەرھىلەپ، رابىيە قادىرنىڭ " ياردەمگە ئېھتىياجلىق كىشىلەرنى يۆلەش بىزنىڭ مەنىۋى بۇرچىمىز، بىز بۇنىڭدا ھېچكىمنى تاشلاپ قويماسلىقىمىز كېرەك" دېگەن سۆزىنى نەقىل كەلتۈردى.

Rabiye-250.jpg

رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان رابىيە خانىمنىڭ يولدىشى، ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى رافتو مۇكاپاتىنىڭ رابىيە قادىرغا بېرىلگەنلىكىدىن ئۆزىنىڭ ئىنتايىن ھاياجانلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ مۇكاپاتنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر خەلقىغە بېرىلگەن بىر مۇكاپات ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۆۋەندە مۇخبىرىمىز پەرىدەنىڭ سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى ۋە ئەقىدە خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىگە دىققەت قىلىڭ.

بۇ مۇكاپاتنى تارقىتىش ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 7- كۈنىگە بېكىتلگەن بولۇپ، سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى بىلەن ئەقىدە نورۋىگىيىنىڭ بېرگېن دۆلەتلىك تىياتىرخانىسىدا رابىيە خانىمغا ۋاكالىتەن بۇ مۇكاپاتنى قوبۇل قىلماقچى. ( پەرىدە)