رابىيە قادىرنىڭ ئوغلى ئالىم خىتاي تەرىپىدىن مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇلدى

0:00 / 0:00
alim--rabiye-150.jpg
ئالىم ئابدۇرېھىم

بۇ يىل 30 ياشقا كىرگەن ئالىم ئابدۇرېھىم رابىيە قادىرنىڭ ئۈرۈمچىدىكى پەرزەنتلىرىنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ كىچىكى. ئۇ ئاكىلىرى ئابلىكىم ۋە قاھار ئابدۇرېھىملار بىلەن بىرگە تىيانشان رايون سولاقخانىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ يېقىندا ئىگىلىگەن ئۇچۇرىغا قارىغاندا، 1‏- ئىيولنىڭ ئالدى-كەينىدە ئالىم ئابدۇرېھىم مەجبۇرىي ھالدا ئۆزى ئۈستىدىن چىقىرىلغان جىنايەتلەرگە ئىقرار قىلدۇرۇلغان. ھازىر ئالىم ئابدۇرېھىمنىڭ بۇ ئىقرارنامىگە قول قويۇش جەريانىدا ئاز دېگەندە 2 قېتىم قىيىن-قىستاققا ئۇچرىغانلىقى مەلۇم.

ئالىم دوختۇرخانىدا داۋالىنىشقا ئېھتىياجلىق بولۇشى مۇمكىن

كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى ھازىر ئالىم ئابدۇرېھىمنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ھەمدە ئالىمنىڭ دوختۇرخانىدا داۋالىنىشقا ئېھتىياجلىق بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئالىم ئابدۇرېھىم ۋە ئۇنىڭ ئاكىلىرى تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئۈرۈمچىنىڭ تىيانشان رايونلۇق تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى ئالغان ساقچى خادىم بىزنىڭ ئالىم ئابدۇرېھىمنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە سورىغان سۇئالىمىزغا جاۋاپ بېرىشنى رەت قىلىپ، بۇ يەردە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان شەخسلەرگە ئائىت ئۇچۇرلارنى بېرىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما بىز ئۇنىڭدىن ئالىم ئابدۇرېھىمنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىمىزنى ئېيتقىنىمىزدا، ئۇ بۇنىڭغا دەرھاللا ئىنكاس قايتۇرۇپ، " سالامەتلىكى ياخشى، بۇنىڭدا چاتاق يوق" دېدى.

ئۇ سۆزىدە ، بۇ سولاقخانىنىڭ يېتىپ-قوپۇش ۋە يىمەك-ئىچمەك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، ھەتتا تېلېۋىزورلارنىمۇ كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇ يەردە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىشىمىزنىڭ ھاجەتسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي تۈرمىسىدە 6 يىل يېتىپ چىققان رابىيە قادىر خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ، تىيانشان رايونلۇق سولاقخانىنىڭ ھازىر رابىيە خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىگە كىرگۈزۈلگەن يىمەكلىك ۋە كىيىم-كېچەك بولسۇن ھېچقانداق بويۇملارنى قوبۇل قىلماي قايتۇرىۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە سولاقخانىلاردىكى شارائىتنىڭ ناچارلىقىنى تەكىتلىدى.

ئالىم ئابدۇرېھىم باجدىن قېچىش ۋە دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇشتىن ئىبارەت 2 تۈرلۈك جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن. بۇنىڭغا نارازى بولغان رابىيە خانىم 1999‏- يىلى 8‏-ئايغىچە بولغان مەزگىلدە ئۈرۈمچىدىكى بارلىق شىركەتلىرىگە ئۆزى ئىگە بولغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇنىڭدىن ئاۋالقى ھەر قانداق بىر باھانە بىلەن پەرزەنتلىرىنى ئەيىبلىشىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

رابىيە خانىم: مەن ئامېرىكىغا كەلگەندىن بۇيان بالىلىرىم قىيىن – قىستاقتىن قۇتۇلالمىدى

رابىيە خانىم يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇ تۈرمىگە كىرگەندىن تارتىپ تاكى ئامېرىكىغا كەلگەن ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى بالىلىرىغا تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى تۇغدۇرغانلىقىنى، ھەتتا ساقچىلارنىڭ ئەقىدە شىركىتىگە باستۇرۇپ كىرىپ، نۇرغۇن ھۆججەتلەرنى ئېلىپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئالىم ئابدۇرېھىم ئىلگىرى بۇ ھەقتە رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ساقچىلارنىڭ ئۇلارنى داۋاملىق ئاۋارە قىلىۋاتقانلىقىنى ھەتتا تېلېفونىمىز ئۇلانغان بەزى چاغلاردا ساقچىلارنىڭ ئۇنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى. بۇ نۆۋەت خىتاي ساقچىلىرى ئالىم ئابدۇرېھىمنى مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرغاندىن كېيىن، ئەمدى ئۇنى قىيىن-قىستاققا ئېلىشنى توختىتامدۇ-يوق؟ بۇ، رابىيە خانىم ۋە كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بىر مەسىلە.

3 ئوغلى تۈرمىگە سولانغان ۋە قىزى نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغان رابىيە خانىم ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق داۋاسىدىكى كۈرىشىنىڭ بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن تەڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ھۆرمەت قىلىپ، بارغانسېرى دېموكراتىيىگە يۈزلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

رابىيە خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىدىن ئالىم ئابدۇرېھىم، ئابلىكىم ئابدۇرېھىم ۋە رۇشەنگۈل بۇ يىل 5‏-ئايدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈرۈمچىگە كېلىش ھارپىسىدا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. كېيىن ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى قاھار ئابدۇرېھىممۇ تۇتقۇنغا ئۇچرىدى ھەمدە ھازىر رۇشەنگۈل ئۆيىدە نەزەربەند ئاستىدا ياشىماقتا. (پەرىدە)